
كۇنمىڭ ھۇجۇمچىسى ئىسكەندەر ئەخەتنىڭ دادىسى «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا زورلانغان
ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان «مەسىلە تاپشۇرۇش» ھەرىكىتىدە يەرلىك ئاھالىلەر بۇنىڭدىن 10-15 يىل ئاۋۋالقى ئاتالمىش «مەسىلە» لىرىنى تاپشۇرۇشقا ۋە بوينىغا ئېلىشقا مەجبۇرلانماقتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى يۈز بەرگەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى ئىسكەندەر ئەخەت كۇچانىڭ سېغىزسۆگەت كەنتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بۇ قېتىمقى «مەسىلە تاپشۇرۇش» تا ئاتالمىش «خاتالىقى» نى بوينىغا ئېلىشقا زورلانغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا تېگىشلىك تەرەپنىڭ بىگۇناھ پۇقرالار ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاتۇشتا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 300 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ جىددىي تۈردە مەشقلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى مەلۇم
يېقىندا ئاتۇش شەھەرلىك دائىرىلەر جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاتۇش شەھەر تەۋەسىدە تورلاشقان ساقچى مۇلازىمەت تورىنى قۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا جەمئىيەتتىن 300 نەپەر چارلاش ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاتۇشتىكى بىرقانچە ساقچىخانىلارنىڭ نۆۋەتچى خادىملىرى رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 300 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنى نۆۋەتتە جىددىي تۈردە مەشقلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئاتۇشتىكى يەرلىك ئاھالىلەرمۇ نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ پەۋقۇلئاددە جىددىيلىشىپ، تەقىب ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 16-مارت كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونى ئەزاسى پائۇل سترائۇس بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
مەلۇمكى، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئاراغا تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ كەلمەكتە.
رابىيە خانىم بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى كۈندۈزى «نورۇز بەزمىسى» گە تەشكىللىنىپ، كېچىسى «مەسىلە» تاپشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم
نورۇز كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرى گۇما ناھىيىسىنىڭ چودا يېزىسىدا 4000 كىشىلىك نورۇز ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. رادىيومىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، پىيالما يېزىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا «نورۇز بەزمىسى» نىڭ تەشكىللەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ھالبۇكى، پىيالما يېزىسىدا شۇ كۈنى كەچتە ئاھالىلەرنىڭ «مەسىلە» تاپشۇرۇشقا زورلانغانلىقى مەلۇم. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يېزىدا نۆۋەتتە 150 چە كىشى «مەسىلە» سىنى چالا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن قاماقتا ياتماقتىكەن.
پىيالما يېزىسىدىكى بىر نەپەر كەنت سېكرېتارى ئاھالىلەرنىڭ ھەتتا بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرىكى تارىخىدىن «مەسىلە» تاپشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاينىڭ گېرمانىيەدە قۇرغان «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى
خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 20-مارت كۈنى بېرلىندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ مۇراسىمدا «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» دېگەن نامدا ئۆز خىراجىتى بىلەن گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقاتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «جامائەت» تالىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىماقتا
بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا قارىتا باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا دائىرىلەرنىڭ يەنە «2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى» تۈزۈپ چىققانلىقى مەلۇم.
دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا بولغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «گۆرۈگە تۇتۇلغانلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.