xoten-saqchi-herbiy-mukapatlash.jpg«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋەقەلەرگە ئائىــت ئېنىق ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىمىغۇچە، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىنغانلارغا ئائىـت تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مەخسۇس باياناتتا، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن دېلولارغا ئائىت دېتاللارنى ئاشكارىلىماسلىقى، بۇ دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى ئالمىغان تىنچلىقپەرۋەر ھەرىكەتلەرنى جازالاش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتمەكتە» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن : «خىتايدىكى بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىدىكى تېررورلۇققا ئائىت داۋالار تېررورلۇقنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى چەك-چېگرىسىزلىق، ئوچۇق-ئاشكارىلىقتىن يوقسۇنلۇق ۋە ئادىل سوت تەرتىپى بولماسلىق تۈپەيلىدىن سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن قالايمىقان قوللىنىلماقتا.»

خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەندىن سىرت، ئارقا-ئارقىلاپ ھەرقايسى شەھەرلەردە ئون مىڭلىغان قوراللىق ساقچىلىرى ئارقىلىق «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەققىدە قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قورال كۈچىنى ھەيۋە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بەرگەن باياناتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى تەرىپىدىن بۇنداق بىر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى تېررورلۇققا چېتىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ پىلانىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.

ئۇنداقتا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا ئائىـت داۋالىرىنى نېمە ئۈچۈن گۇمانلىق دەيدۇ؟ بۈگۈن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ : «مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولسا، خىتاي ئالىي سوتى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى قۇرۇلتايدا سۇنغان 2016-يىلىدىكى تېررورلۇق دېلولىرىغا ئائىت يېڭى دوكلاتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا بۇ دېلولار ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان كىشىلەرگە ئائىـت ھېچقانداق بىر تەپسىلات بېرىلمىگەن. بىز ئىلگىرى قىلغان تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن شۇنىسى بىزگە ئايانكى، شىنجاڭدا ۋە باشقا جايلاردىكى تېررورلۇق داۋالىرىدا كىشىلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزلىرى، ھەرىكىتى ۋە تىنچلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە قىلغان تەنقىدلەشلىرى سەۋەبلىك جازالىنىپ ھۆكۈم قىلىنغان. ئەسلىدە يۇقىرىدىكىلەر ھەممىسى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھوقۇقلار، ئەمما ئۇلار ئوخشاش ۋاقىتتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قاتارىدا جازالانماقتا. خىتايدىكى قانۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق دېلولارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتتە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇڭا بىز مەۋجۇت مەسىلىلەرگە قاراپ تۇرۇپ خىتاينىڭ قانۇنلىرىنىڭ شىنجاڭدا قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ، دېيەلەيمىز.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا 2016-يىلى ئىچىدە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان كىشىلەرگە ئائىت دېلولاردىكى تەپسىلاتلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئاشكارىلانغان تۆۋەندىكى ئابدۇسەمەت خالىق، مەمەت رىشىت، رىزۋانگۈل خالىق قاتارلىق 7 كىشىنىڭ دېلوسى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ پەقەت تېررورلۇققا، جىھادقا، دىنىي رادىكاللىققا ۋە ھەتتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئائىت ۋىدىيولارنى كۆرۈش، ئۇلارنى ھەمبەھىرلەش، باشقىلارنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خوڭكوڭ ئارقىلىق قېچىشقا ئۇرۇنۇش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ: «يۇقىرىدىكى تەپسىلاتى ئاشكارىلانغان دېلولارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىشلەنگەن بىر جىنايەت ياكى زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئەمەس. زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بولسا نەق مەيداندا قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك كەمسىتىش ۋە بېسىم سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن نارازىلىق مەۋجۇت. بۇ نارازىلىقلار ھەم تېنچ ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەم بومبىلاش قاتارلىق زوراۋان ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى، بار-يوقلۇقى تالاش-تارتىشتىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى قاتارلىق چەتئەل كۈچلىرىگە باغلاپ زەربە بېرىپ كەلدى. بىراق ئۇلار ھېچقاچان ب د ت قاتارلىق مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوتسىز ئۆلۈم ۋە ياكى ھەددىن زىيادە كۈچ قوللىنىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويماي كەلدى» دەپ بايان قىلغان. شۇڭا سوفى خانىم باياناتتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلارنى يوشۇرغان مۇددەتچە ئىشەنچكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى خىتاي ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىشقا چاقىرغان.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى تېررورلۇققا چېتىپ، خىتايدا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر خەلقئارا تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى يەرلىكتىكى نارازىلىقتىن چىققان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى پامونا ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدني ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ۋەقەلەردە بىز ئۇيغۇرلاردىن ياكى باشقا گۇرۇپپىلاردىن خىتايغا بىر جىددىي تەھدىت ياكى بىر تەرتىپلىك تەھدىت مەۋجۇتلۇقىنى كۆرمىدۇق. ئەلۋەتتە شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي ئېيتقاندەك زور قوراللىق تەھدىت ئەمەس» دېدى.

سوفى رىچاردسون خانىم بولسا سۆزىدە، دەل بۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۆرەش قىلىش چاقىرىقلىرىغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلاشماقچى بولغان دۆلەت، ھۆكۈمەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى «خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلاشماقچى بولغان ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلار قەتئىي ھالدا خىتايدىن ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر مەسىلە بارلىقى ھەققىدە ئىسپات تەلەپ قىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى راستچىل بولۇپ، بۇ تۈردىكى داۋالاردىكى ئەسلى ھەرىكەت نېمە ئىدى، كىشىلەرگە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى بېرىلدىمۇ، قېيىن-قىستاق ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇلدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئادۋوكات ياللىشىغا رۇخسەت قىلىندىمۇ؟ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىز خىتايدىكى بىخەتەرلىك قانۇنلار بويىچە بەزى ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا خەلقئارامۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى، ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئىش قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇشى كېرەك» دېدى.