
ئاتۇشتا 70 كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەنمىدى
ئۆتكەن ھەپتە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتۇشتا 70 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنى بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى.
رادىيومىز مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتە ئاتۇشتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ساقچىخانا، كەنت كادىرلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە ئورۇن ۋە شەخسكە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم بۇنداق بىر «ۋەقە» نىڭ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرمىدى.
خوتەن ساقچىلىرى تەۋەلىكتىكى ھەر بىر «نۇقتىلىق نوپۇس» نى 5 كىشىنىڭ نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئۆتكەن ئايدا گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، خوتەن تەۋەسىدىكى ساقچىخانا ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر ئۈستىدىكى نازارىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.
خوتەننىڭ كېرىيە ۋە گۇما ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلار تەۋەلىكتىكى ھەر بىر «نۇقتىلىق نوپۇس» نى 5 كىشىنىڭ نازارەت قىلىدىغانلىقىنى، كەنتلەردىكى ھەر 10 ئائىلە كىشىلىرى بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، ئۆز-ئارا «چاتما جاۋابكارلىق» زەنجىرىگە باغلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دۆلەت زوراۋانلىقى» بىلەن ئەيىبلىدى.
يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدا 17 نەپەر مۇھاجىر ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئاۋارىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغا ناھىيەلىك دائىرىلەر يەكشەنبەبازار يېزىسىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن 17 نەپەر كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئېغىر پاراكەندىچىلىك سالغان.
ئىنكاستا يەكشەنبە بازار يېزىسىدىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن 17 كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكى 20 نەچچە كىشىنىڭ سولانغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە ئەيىبنامە تارقىتىپ، يېزىدىكى ئاھالىلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە «قارا تىزىملىك» تۇرغۇزۇلغانلىقى، ئۇلاردىن بىر ئائىلىدىكى ئاتا-بالىنىڭ 40 كۈندىن بېرى يوپۇرغا ناھىيىلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى.
ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياد ئېتىلمەكتە
بۇ يىل 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋاپاتىغا 84 يىل بولدى.
يالقۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن خەلقنى كۈرەشكە ۋە ئەركىنلىككە چاقىرغان شائىر 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قاتناشچىلىرىدىن ئىدى. شائىر ئەينى ۋاقىتتا سەپداشلىرى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ، 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇرپان شەھىرىدە شېھىت قىلىنغان ئىدى.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 84 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل شەكىللەردە شائىرنى ياد ئەتتى.
يەرلىك ساقچىلار «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان پۇقرالارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىغان.
يېقىندا ساقچى ئورگانلىرى ئۈندىداردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالاردىن «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى تاپشۇرۇشنى بۇيرۇغان. ئىگىلىنىشىچە، دىنىي كىتابلاردىن تارتىپ دېھقانچىلىق دورىلىرىغىچە، سەرەڭگىدىن تارتىپ بوكس پەلىيىگىچە بولغان بۇيۇملار بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يەرلىك ساقچىلار بۇ يۇملارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
قاغىلىقنىڭ لوق يېزىسىدا 27-فېۋرال كۈنى ۋەقە چىققانلىقى دەلىللەندى
«ئۇيغۇر نىداسى» تور رادىيوسى ئۆتكەن ھەپتە خەۋەر بېرىپ، ئۆتكەن ئاينىڭ 27-كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ لوق يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، توقۇنۇشقا كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارنىڭ خۇپتەن نامىزىدىن قايتقان جامائەتكە زوراۋانلىق قىلىشى سەۋەب بولغان ئىكەن. توقۇنۇشتا ساقچى تەرەپنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن بەلگىلىك ساندا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قاغىلىقتىكى ساقچىخانىلار لوق يېزىسى تەۋەسىدە 2-ئاينىڭ 27- ياكى 28-كۈنى ۋەقە چىققانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بولمىدى.