rabiye-dolet-mejlisi-jumhuriyet-yighin.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. 2013-يىلى 12-نويابىر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 16-مارت كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونى ئەزاسى پائۇل سترائۇس  بىلەن سۆھبەتتە بولدى. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ھەرقاچان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئاراغا تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشى ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا دائىر بەزى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.