
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي سىياسىي داۋاسىدىكى رولى بارغانسېرى ئاشماقتا، ئانا تىل، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش ۋە مەدەنىي-مائارىپ ھەم ئەدەبىيات-سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تۆھپىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ، بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاياللار تەشكىلاتلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلەنگەن. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپارخان، ئاماننىساخان، مايىمخان، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئاتاقلىق شەخسلىرى بىلەن پەخىرلىنىش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرقى زامانغا كېلىدىغان بولساق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم 2006-يىلدىن بۇيان ناھايىتى ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ۋە زىچ مۇناسىۋەت ئورناتتى. بۇ ناھايىتى چوڭ ئۇتۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق دۇنيادىكى زور تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى».
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، رابىيە قادىر خانىم چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچىيىپ، خەلقئارا سەھنىگە چىقتى شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تونۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپىگە قويماقتا.
قەھرىمان غوجامبەردى كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ سىياسىي دەۋا سېپىگە قوشۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر رابىيە قادىرنىڭ ئەتراپىغا پەيدىنپەي كۆپلىگەن خانىم-قىزلار كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى قازاقىستاننى مىسال ئالساق، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋامۇ ناھايىتى كۆپ پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىل دۆلەت بولغاندىن بېرى دىلبىرىم سامساقوۋا، تامارا مەمەتوۋالار سەھنىگە چىقتى».
قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەيلى ۋەتەنپەرۋەرلىك مەسىلىسىدە بولسۇن ۋە ياكى بالىلارنى تەربىيىلەش، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە بولسۇن، ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان ھەمرايېف بولسا، ئومۇمەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى رولىنى يۇقىرى دەپ ھېسابلىسىمۇ، لېكىن بەزى كەمچىلىكلەرنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېتىلگەن ئالىم، يېتىلگەن جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئاز. بۇرۇن، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بىزدە بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، پاتىگۈل سابىتوۋاغا ئوخشاش جەمئىيەتتىكى ئورنى يۈكسەك ئانىلىرىمىز بولغان. ئۇلار نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى قىلغان. ئومۇمەن ئۇرۇشتىن كېيىن شەكىللەنگەن، كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئابرۇي قازانغان ئاياللار كۆپ ئىدى. ئۇلار مۇھىتنى بەلگىلەيتتى، ياشلارنى تەربىيەلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىسمى ھەتتا رىۋايەتكىمۇ ئايلىنىپ كەتتى».
ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن چېكىنىشلەر ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ئۆز سەۋەبلىرى بار. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «1991-يىلدىن كېيىن بىر تۈزۈمدىن ئىككىنچى تۈزۈمگە ئۆتۈش جەريانىدا، ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن چىقىملار يۈز بەردى. كۆپلىگەن خانىم-قىزلىرىمىز تىجارەت يولىغا چۈشۈپ، بىلىم، مەدەنىيەت مەسىلىسىگە كەلگەندە ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. بۈگۈنكى ياش خانىم-قىزلىرىمىز خالقىمىزنىڭ مۇھىم ساھەلىرىدە ئۇتۇقلارنى قازىنىپ، جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك قىلغان ئىشلىرى ئاز. بىزنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مۇشۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئاكتىپ بولۇشىنى خالايمىز».
ئالىمجان ھەمرايېف مىللىي سەنئەت ساھەسىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خېلى ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، مائارىپ، مەتبۇئات، ئىجتىمائىي ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى ئەھۋالىنىڭ ئۇنداق ئەمەس ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بۇ ساھەلەردىكى ئەھۋالنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، قازاقىستاندىكى دېموكراتىيەنىڭ بۇنىڭغا ئوڭۇشلۇق شارائىت تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالماتا ۋىلايىتى ياركەنت ئىجتىمائىي ۋە تېخنىكا پەنلىرى تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىشىدا خانىم-قىزلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئايال كىشى، بۇ ئانا. ئۆيدىكى تەربىيەنى ئانىلار بېرىدۇ. ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلغۇچى مۇشۇ ئانىلاردۇر. مىللىيلىكىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر مەھكىمە بۇ مىللىي مەكتەپلىرىمىز. ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلغۇچى، بۇ ئانىلاردۇر. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىلىم بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى شۇ ئايال كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىيلىكىمىزنى ساقلاشتا ئاياللارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشى يۇقىرى، دەپ باھا بېرىشقا بولىدۇ. ھازىر ھەر بىر مەدەنىيەت مەركىزىدە خانىم-قىزلار كېڭىشى بار. بالا تەربىيەلەشتە ۋە باشقىلاردا ئۇلارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشى زوردۇر».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھەم ئۇنىڭ يېزا، ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك شۆبىلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇلاردا خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى تەشكىللەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۈگۈنكى كۈندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «جانان»، «ئانىلار كېڭىشى» گە ئوخشاش خانىم-قىزلار فوندلىرى ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاندا مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.