2017.03.08

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، يەنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 8-مارت كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر ئورگان ئۆز باياناتىدا،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بېسىمىغا قارشى چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، «ئۇيغۇر بىز» تور بېتىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان ئاتىكەم روزى، غايىب ئوغلىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ تۈرمە جازاسىغا ئۇچرىغان پاتىگۈل غۇلام، ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەش، پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى چەكلەنگەن بورتالالىق رابىخان مۇسا ئانىلار مىسال قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكلەردىن سىرت يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «مىللىي كەمسىتىش، دىنى بېسىم، پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنىڭمۇ بىۋاسىتە قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان ئالاقىدار خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.