
25-فېۋرال كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى «ئاۋات» رېستورانىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، جەمئىيەت ئەربابى مەرھۇم تامارا مەمەتوۋا ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، تونۇلغان شائىر، مەرھۇم خەيرىنىسا تۇردىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىمغا زىيالىيلار، ئاممىۋى جەمئىيەت ۋەكىللىرى، مەرھۇملارنىڭ كەسىپداشلىرى، دوستلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقىلار قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئەسلىدى.
يىغىننىڭ كىرىش سۆزىنى سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا مەزكۇر پائالىيەتنى تامارا مەمەتوۋا ۋە تونۇلغان شائىرە خەيرىنىسا تۇردىيېۋانى ئەسلەش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستاندىنمۇ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
مەرھۇملارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، تامارا مەمەتوۋانىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ دوستى ۋە كەسىپدىشى نائىلەم ھەمرايېۋا دوكلات قىلدى.
سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئاسىيەم تۇردىيېۋا باشلىق ئاياللار كومىتېتىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى ھەم ئاسىيەم تۇردىيېۋانىڭ دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن بۇيان ئالماتادا ئۆتۈۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاياللارنىڭ كۆپلەپ قاتنىشىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان تامارا مەمەتوۋا ۋە خەيرىنىسا تۇردىغا ئوخشاش شەخسلەرنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، تامارا خانىمنىڭ 1997-يىل 5-فېۋرال قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن ئوينىغان رولىنى مەن ياخشى بىلىمەن. تامارا خانىم شۇ ۋاقىتتا خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشتا، قاچاقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا زور رول ئوينىدى».
قەھرىمان غوجامبەردى تامارا مەمەتوۋانىڭ ياردىمى ئارقىسىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر قاچاقلىرىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆز ئەتراپىغا ۋاققاس مەمېدىنوف، شېرىپجان نادىروف، گۈلىنۇر جالانوۋا قاتارلىق قانۇننى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەرنى توپلاپ، شۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەرھۇمنىڭ كەسىپدىشى ۋە شاگىرتى گۈلناز ئىسكەندەروۋا: «ھەر كۈنى ئىشقا كىرگەندە تامارا خانىم بىزنى قارشى ئالاتتى. ئادەمنى رەنجىتىش، سۆز قايتۇرۇش ئوخشاش ئادەتلەر ئۇنىڭدا يوق ئىدى. ئىشقا كىم كەلمىسۇن، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئايىمايتتى. قانچىلىك ئېغىرچىلىق تارتمىسۇن، بۇنى ھېچ كىمگە كۆرسەتمەيتتى. ئۇنىڭ خۇش چىرايىغا قاراپلا ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ قالاتتۇق» دېدى.
قىرغىزىستاننىڭ «تەڭرىتاغ ساداسى» رادىئو پروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرى نېلۇپەر خانىم: «تامارا خانىم ۋە خەيرىنىسا ھەدىنى يۇلتۇزلۇق ئىنسانلار دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆيگەن، ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان مەردانە ئاياللار ئىدى. خەلقنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلار ھېچ قاچان ئۇنتۇلمايدۇ، قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ» دېدى.
«يىپەك يولى» شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مامېدىنوف مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىر ماختىنىدىغان يېرىمىز، بىزنىڭ ئىپارخان، نۇزۇگۇمغا ئوخشاش قەھرىمان قىزلىرىمىز بولغان. ھازىرمۇ سىلەر، ئاياللار، يەنە قەھرىمانلىقىڭلارنى كۆرسىتىۋاتىسىلەر. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭمۇ كېلەچىكى ئاياللارغا باغلىق».
ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلەر جانلانغاندا تامارا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان تەشكىلات قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ۋەزىپە بەك قىيىن بولدى. بۇ ئىشنى پەقەت تاماراغا ئوخشاش كىشىلا ئۆز ھۆددىسىگە ئالالايتتى».
تامارا مەمەتوۋانىڭ دوستى ليۇدمىلا گېكېتايېۋامۇ ئۇنى ئەسلەپ سۆز قىلدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئاياللار بىرلىكى ۋەكىلى چەشمە مۇختەروۋا بۈگۈنكى مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تامارا ھەدىمىز ۋەتەنپەرۋەر، چىرايلىق خىزمەتلەرنى قىلغان ئىكەن. خەيرىنىسا ھەدىنى بىلگەنلەرمۇ سۆزلىدى. خەيرىنىسا ھەدىنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ۋەتەن دەپ ئۆتتى. رابىيە قادىرنىمۇ پۈتۈن قىرغىزىستاندا بىرىنچى بولۇپ تونۇشتۇرغان ئەنە شۇ خەيرىنىسا ھەدە. ئۇنىڭ خىزمەتلىرىمۇ كۆپ. 2004-يىلدىن 2008-يىلغىچە ‹ئىتتىپاق› ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئۆتكەن. ھەر بىر ئادەم چىقىپ، چىن دىلىدىن سۆزلىدى. بىز رازى بولدۇق».
خەيرىنىسا تۇردى 1945-يىلى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چۆچەك شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1962-يىلى، ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىپ، قىرغىزىستاندا ياشىغان. ئۇ، قىرغىزىستان دۆلەت رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىدە 17 يىلدىن ئوشۇق ژۇرنالىست سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ۋە « تەڭرى تاغ سادالىرى» نامىدىكى ئۇيغۇرچە رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىشقا مەسئۇل بولغان ھەم كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرى، بولۇپمۇ ئاياللار پائالىيەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلغان بولۇپ، 2004-2008 يىللىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان.
خەيرىنىسا تۇردى ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىدىكى بىر قانچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇ قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر ئايال شائىرى سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى.
خەيرىنىسا تۇردى 2016-يىلى، 27-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە 72 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.
مۇراسىمدا يەنە ئادۋوكات گۈلىنۇر جالانوۋا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا، «ئۇيغۇر ئانىلار كېڭىشى»نىڭ پەخرىي رەئىسى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» رەئىسى ھاكىم مەمەتوف ۋە باشقىلار تامارا مەمەتوۋا ۋە خەيرىنىسا تۇردىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىكى ئورنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىلى كامىل تۇردىيېف تامارا مەمەتوۋانىڭ ئۇيغۇر قاچاقلىرىغا قانۇنىي ياردەم كۆرسەتكەن چاغلىرىدا بايقىغان ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تامارىغا مەن بالىلارنى ئاپارغاندا ئۇ كەچ بولسىمۇ ئۇلار بىلەن گەپ قىلىپ، ئەھۋالنى ئۇقتى. ئۇ ‹مەن سىلەرنى ماڭىدىغان قىلىپ، تەييار قىلىپ بېرىمەن، بىراق ئۇزاق بولىدۇ. مەن بۇ ئىشنى تىيىنسىز (پۇلسىز) قىلىمەن. خەلقىم ئۈچۈن، ۋەتىنىم ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن› دېگەن. ھەقىقەتەن ئۇ قانچىلىك بالىلارنى چىقارغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ، شۇ بالىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىپ، يولغا سالغان».
«تۇران» فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف بۈگۈنكى كۈندە تۈركىي خەلقلەر بىرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «تامارا خانىم ھەدىمىز ھايات بولغان بولسا، بىز سۆزسىز گۈلدەستىلەر بىلەن تۆرگە ئولتۇرغۇزۇپ، ياخشى تىلەكلەرنى ئېيتاتتۇق. ئەپسۇس، بىز ھازىر ئۇنى ئەسلەۋاتىمىز. تامارا ھەدىنىڭ بىر قېتىممۇ بىرىگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلغىنىنى، بىرى توغرىلىق سەلبىي گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىمىدىم. ئايال كىشى قانداق بولۇش كېرەك دېگەندە تامارا ھەدىگە قاراپ بىلىشكە بولاتتى».
ئۇ ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان قازاقىستانلىق ۋە قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خەيرىنىسا ھەدىمۇ ناھايىتى مىللەتپەرۋەر شائىرە. تىل بايلىقى، زامانىۋى كۆزقارىشى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان ئايال ئىدى. مۇشۇ ئىككى خانىمىمىزنىڭ روھى جەننەتتە بولسۇن دېمەكچىمەن».
تامارا مەمەتوۋا 1947-يىلى ، ئالماتا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1973-يىلى قازاق دۆلەت پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كۇتۇپخانىچىلىق فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، ئالماتا شەھەرلىك ياشلار كومىتېتىدا ئىشلىدى. ئۇ، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن،«ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى»نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولدى ھەم «ئاخبارات» ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال تەسىس قىلدى. تامارا خانىم 2016-يىلى 69 يېشىدا ئالماتا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.