
1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نارازىلىق نامايىشىنى قوراللىق باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 12-فېۋرالدا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان كافېخانىلارنىڭ بىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتتى. ئالماتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئەركىنلىك ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ قازاقىستان بويىچە ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم سەۋەبلىرى ھەققىدە دوكلات قىلدى
سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف باشلىق بىر توپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئاساسەن ئۈچ مەسىلە ئۈستىدە توختالدى: بىرىنچى، رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى، ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، ئۈچىنچى، ئامېرىكىنى يېڭى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى. ناتىق بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىش ئالدىدا يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىلگىرى سۈرگەن ئىستراتېگىيىلىك تەشەببۇسلارنىڭ ماھىيىتى، قازاقىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دېموكراتىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆمىكىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا بەش كۈن ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆپچىلىككە مەلۇم قىلدى. ئۇ ۋەكىللەرنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، شۇ جۈملىدىن بۆلۈم باشلىقلىرى، كومىتېت باشلىقلىرى، ئۇلارنىڭ مۇئاۋىنلىرى ھەم مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم مەسىلىلەرنى قارىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم، دىن، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن كەمسىتىشلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بولۇپمۇ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشى ئۈچۈن بارلىق شارائىتلار يارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى، مىللىيلىكنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە، ھەر بىر ئائىلىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كۆپچىلىكنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تۇرغۇنى سەيدالىم ئەپەندى بۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ناھايىتى قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرى، نۇتۇقلىرى، ھازىرقى ۋاقىتتىكى بىزنىڭ ئاسارەت ئاستىدا ياتقان مەملىكىتىمىزنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىلىق نۇرغۇن تەسىرلىك مەلۇماتلارنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر خۇش بولغىنىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان بېسىمى، زۇلۇمى توغرىلىق يەتكۈزگىنى چوڭ غەلىبە دەپ ھېسابلايمەن. قالغان ناتىقلارنىڭ سۆزلىرىمۇ ناھايىتى مەزمۇنلۇق بولدى. بۇ يىغىندىكى ناھايىتى پايدىلىق ئىشلارنىڭ بىرى بالىلىرىمىزنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش مەسىلىسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى».
سەيدالىم ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزسىز يۇرتداشلىرىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆزگە چىققان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئىنسان بالىسىنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئىلىم ئىگىلەش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، «تۇران دۇنياسى» فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف تىلىدىن، مەدەنىيىتىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ سۆزسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەم شۇنداقلا سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىگە ئوخشاش شەخسلەرنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا، ئۇلارنىڭ مىللەت داۋاسى يولىدىكى پائالىيىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شۇنداقلا دىنىي زات تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف، ئالىم ئالىمجان ھەمرايېف ۋە باشقىلار مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، مىللىي مائارىپ، مىللىي روھ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەھەرنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ھاكىمجان ئازنىباقىيېف غۇلجا ۋەقەسىگە بېغىشلانغان پائالىيەتنىڭ مەزمۇنلۇق ھەم تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1997-يىلى تۆكۈلگەن قانلارنى ئىلاھىم زىيان كەتكۈزمەي، شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمانىنى كامىل قىلىپ، قىيامەتلىكىنى بەرگەي، دەپ ئاللاھدىن سورىدۇق. ئۇلارنىڭ قانلىرى زايە كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆملۈككە، بىرلىككە كېلىپ، مىللىي لىدېرىمىز رابىيە قادىرغا يۇقىرى دەرىجىدە يار-يۆلەك بولۇپ، مەقسەدلىرىمىزگە يېتىشنى ئاللاھدىن سورايمىز. كەينىمىزدىن كېلىۋاتقان بالىلىرىمىزغا، نەۋرىلىرىمىزگە ئىنساپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز».
ھاكىمجان ئازنىباقىيېف ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆزلىگەن مەقسەت-مۇددىئالارغا يېتىشىغا چوڭ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا كېلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەم زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.