2017.02.08

يېقىندا تەيۋەندىكى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 3-ئاي ئىچىدە تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەيۋەن ئىشلىرى باشقارمىسى بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەيۋەن ئىشلىرى باشقارمىسى بۈگۈن سەھەردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا مۇخبىرلار رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، تەيۋەن ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن خىتاي ھۆكۈمىتى «رابىيە قادىرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تەيۋەن زىيارىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ كاتتىۋېشى، شۇنداقلا سېپى ئۆزىدىن مىللىي بۆلگۈنچى بولغان رابىيە قادىردەك بىر شەخسنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىشى، شۈبھىسىزكى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتايچە «دوۋېي خەۋەر تورى» نىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە ئىزچىل ھالدا «تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۆز-ئارا تەقدىرداش. شۇڭا بىز ئۆز-ئارا ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ھەمدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پىكىرلىشىشكە، شۇنداقلا ئۆز-ئارا ياردەملىشىشكە موھتاج» دەپ كەلمەكتە ئىكەن.