urumqi-saqchi-305ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ 5 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ

2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بۇ يىل 7 يىل بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. گەرچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگىنىگە خېلى يىللار بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ شۇ كۈنى باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى شۇنىڭدەك سانى نامەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ھازىرمۇ تۈرمىلەردە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم.

2009-يىلى، 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنلىرىغىچە قانداق ۋەقەلەر يۈز بەردى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟ ۋەقەدە قانچىلىك كىشى، جۈملىدىن قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلدى؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقانلاردىن پەرقلىق ئۇچۇرلار، ئىنكاسلار ۋە قىياسلار مەۋجۇت ھەم بۇ تېما ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، بۇ ۋەقەدە كۆپى خىتايلاردىن بولۇپ، 192 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كېيىنكى يىللاردا ھەر خىل يوللار بىلەن چەتئەلگە چىققان بەزى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تەرەپ دېگەن بۇ سانلار ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدىكى قارىلاشلارنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكى ۋە باشقىلارنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ كىشىلەردىن بىرى، ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كېلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ۋولقان بۇغرا ئەپەندىدۇر.

ۋولقان بۇغرا ئەپەندى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغان كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيىغا يېقىن جايدىكى مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاشكارىلانمىغان سىرلارنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتتى.

ۋولقان بۇغرا ئەپەندى ئاتالمىش ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۆزى بىلىدىغان بەزى ياشلارنىڭمۇ قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، «غەرب ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلدىڭ» دەپ ئوقۇتقۇچىلىقتىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاشخانىلاردا ئىشلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تىرىكچىلىق قىلغان ۋولقان بۇغرا ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە باشقا ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋولقان بۇغرا ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋولقان ئەپەندىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئاساسەن بىردەك پىكىرگە ئىگە، ئۇيغۇر دىيارى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ۋە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى ۋە خىتاي ھەم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ،2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى ھەمدە 7-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچىدە كۆپ سانلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ قولىغا ھەر خىل كالتەك ۋە باشقىلار نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى سانى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ژۇرنالىست ئازادجان بۇغرا ئەپەندى ۋولقان بۇغرا ئېيتقانلارنى تولۇقلاپ، ھەقىقەتەن، 2009-يىلى، 5-ئىيۇل كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، خېلى كۆپ قىسمىنىڭ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغانلىقىنى، ھەتتا خىتاي ئاخباراتلىرىمۇ بەزى سوت ئەھۋاللىرىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، يەنە ھازىرغىچە، 2009-يىلى، 7-ئىيۇل كۈنىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان خىتايلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەم سوتلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

5-ئىيۇل كۈنىدىكى ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى ۋولقان بۇغرا ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ چوڭ دېموكراتىك، تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەرىكەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ چەتئەللەردىكى ئاتالمىش «مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر» كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بىۋاسىتە سەۋەب بولغانلىقى، ئۇنىڭ، ھۆكۈمەتتىن شاۋگۇەن ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى جازالاشنى ۋە ئادالەتنى تەلەپ قىلغان ياشلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.