
ئىستانبۇلدىكى رېينو كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا
تۈركىيە ساقچى تەرەپنىڭ 6 كۈندىن بۇيان، ئىستانبۇلدىكى رېينو كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، تۈركىيە تاراتقۇلىرى تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ داغىستانلىق مۇسۇلمان ياكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۆزبېك ياكى قىرغىز ۋە ياكى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
5-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيىس قايناق تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم فېيسبۇك ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئەگەردە بۇ لەنىتى تېررورچى ئۇيغۇر بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ روھىيىتى بىزدىن ئەمەس» دېدى.
باش شتابى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ تولۇق پاكىت بولمىغان ئەھۋالدا تېررورچىنىڭ كىملىكىنى قەستەن ئۇيغۇرلارغا باغلاۋاتقانلىقىغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلغان ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاشكارىلاندى
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
رادىيومىزنىڭ مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئاكا-ئۇكا ھۇجۇم گۇماندارلىرىدىن ئاكىسى توختىمەمەت تۇرسۇننىيازنىڭ ئىلگىرى ھەقسىز ھالدا بىر يىل قاماقتا ياتقانلىقى، ئىنىسى نۇرمەمەت تۇرسۇننىيازنىڭ ئىككى ئاي ئاۋۋال پاسپورتى تارتىۋېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
يەنە بىر گۇماندار ئابدۇللېتىپ مەتقۇرباننىڭ نەۋرە سىڭلىسى راھىلە داۋۇتنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى» دا 7 يىللىق قاماققا كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەتتىن مائاش ئېلىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ « دىنىي ئېتىقادىم – ئىسلام » دېيىشىگە بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە ئاتېئىزمنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئېلىۋاتقان ھەرقانداق خىزمەتچىنىڭ نوپۇس دەپتىرىدىكى ‹دىنىي ئېتىقادى› دېگەن كاتەكچىگە ‹ئىسلام› دەپ يېزىشىغا بولمايدۇ» دېگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى «ئەرەبلىشىش» ئېقىمىنى چەكلىشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە باشلىغان 1980-يىللاردىن بۇيان تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق ھالدا ئىككى خىل دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تۇڭگانلارنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۇڭگانلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تەسىرى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىدا ئىسلام دىنىنىڭ «ئەرەبلىشىشى» نى چەكلەش ھەرىكىتى باشلىغان. ئۇيغۇر ئانالىزچىلاردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق دىنىي كونتروللۇق سىياسىتىنىڭ تۇڭگان رايونلىرىغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» تەشۋىقاتى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە نارازىلىق قوزغىدى
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ زور كۈچ بىلەن ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئۈندىدار توپلىرىدىكى مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر كادىرلار بولسۇن «قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىي سېلىقىنىڭ كىشىلەرگە قۇلايسىزلىق ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كىنايىلىك سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىگەن. بۇ ھەقتە ھەتتا ئاشكارا نارازىلىق ئىنكاسلىرى پەيدا بولغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇ خىل سۈنئىي تۇغقاندارچىلىقنىڭ رايوندا ئىناقلىق ئەمەس، ئەكسىچە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى
غەرب دۇنياسىدا، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندا تەدرىجىي ھالدا شەكىللىنىش، كۆپىيىش ۋە ئۆز ئالدىغا جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇش تارىخىنى باشتىن كۆچۈردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى چەتئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنكى كۈندە تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدەللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن سېلىنغان مۇستەھكەم ئۇل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئەيسا ساۋۇت قارىم بىلەن مەرھۇم دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بۇ ھەقتە دادىللىق بىلەن پىكىر بايان قىلغان ئىدى.