ئىستانبۇلدىكى رېينو كەچلىك كۇلۇبىدا يېڭى يىل ئاخشىمى كۈنى ۋەھشىي تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى. بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە ئاخباراتلىرىغا جاۋابەن قىلغان باياناتىدا، تېررورچى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋەقەنى «ئۇيغۇرلار ياكى شەرقىي تۈركىستانغا باغلاشقا بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمدىن «ھەممىدىن بەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەرىشان بولغانلىقى»نى بايان قىلغان ھەم ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم «تېررورچىنى ئۆزى ۋە تەۋە بولغان تەشكىلاتنىڭ نامى بىلەن ئاتاش كېرەكلىكىنى، ھەرقانداق مىللەت ياكى ۋەتەن نامى بىلەن ئاتاشقا بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن بىرى چەتئەلدىن دۈشمەن ئىزدىگەن بولسا، ئۇنى ئۇيغۇر دېگىلى بولمايدىغانلىقى، تۈركىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىگە قۇچاق ئېچىۋاتقان بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلسا بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە خىيانەت بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىستانبۇلدا يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدە ئاپتوماتلىق بىر تېررورچى كەچلىك كۇلۇبقا بېسىپ كىرىپ كۇلۇبتىكىلەرنى قارا-قويۇق ئوققا تۇتقان ۋە نەتىجىدە 39 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 4 كۈندىن بېرى تۈركىيە ساقچىلىرى مەزكۇر تېررورچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارماقتا. بىرقانچە كۈندىن بېرى تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە تېررورچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە داغىستانلىق بولۇش ئېھتىماللىقلىرى تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتاتتى.
بىراق، تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى باياناتىدا، بۇ تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقان يېرىنى ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سېلىم پاشا رايونىدا بۇ تېررورچىغا ياردەم قىلغانلىق گۇمانى بىلەن يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ تېرورچىغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئادەم سانى 36 نەپەرگە يەتكەن.