2017.01.01

12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى فاللس چۇرچ رايونىغا جايلاشقان بىر مېھمانخانىنىڭ زالىدا ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنىيە، مارىلاند شتاتلىرى ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، يەنى بالىلار ۋە ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئادەم بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئۆز مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرى، مىللىي تائاملىرى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ھۇزۇرلانغان ھالدا كونا 2016-يىلىنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى 2017-يىلىنى كۈتۈۋالغان.

مۇراسىم باشلىنىش بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىللىق نۇتۇق سۆزلەپ، پائالىيەتكە قاتناشقانلار ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى شۇنىڭدەك 2017-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بىر يىل بولۇشىنى تىلىدى.

پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن قاتارلىق رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى ۋە باشقا پروگراممىلار ئورۇندالدى.

مەلۇمكى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، يېڭى يىل، قۇربان ھېيت، نورۇز ۋە جۇمھۇرىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى، جۈملىدىن ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېز كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، بۇ خىل پائالىيەت مەزمۇنلىرىمۇ بېيىماقتا.