بۈگۈن ھىندونېزىيە ساقچىلىرى بىلەن جاكارتادىكى بىر گۇرۇپپا تېررور گۇماندارلىرى ئارىسىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن، ئېتىشىشتا 3 نەپەر گۇماندار ئۆلگەن.
ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن ئېلىپ بارغان رازۋېدكا ھەرىكىتى داۋامىدا، ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ۋە باتام ئاراللىرىدىن 3 نەپەر گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان. رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ساقچىلار سۇماترا ۋە باتامدىكى گۇماندارلارنى، ھىندونېزىيەگە سىڭىپ كىرگەن ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
ھىندونېزىيەدە ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر يەرلىك تېررور گۇماندارلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە بۇلاردىن بەزىلىرى ساقچىلارنىڭ ئوپىراتسىيەسى داۋامىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما خەۋەردە، ھىندونېزىيەدە يەنە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان ياكى يېڭىدىن كىرگەن ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىدا، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر گۇماندارلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىش سەۋەبى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان ئىدى. ھىندونېزىيە دائىرىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر گۇماندارلارنى ئۆزلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىر پارىخور ئەمەلدار بىلەن ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.