erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلىدى

ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتى گېرمانىيەدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

11-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ئاماننىساخان رېستورانى» غا جەم بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلىدى.

مەزكۇر پائالىيەتتە رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن ئۆمۈر مۇساپىسى زامانداشلىرى تەرىپىدىن ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جامائەت تەييارلىغان گۈلدەستىلەر تەقدىم قىلىندى.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتىكى سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كېلىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن 3 ئايدىن بۇيان، ئۇنىڭ تىبەتتە قوللانغان باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ سىناق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىخانىلار بىلەن يەرلىك ئامانلىق خادىملىرى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى 3 ئايدىن بۇيان ساقچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلگەنلىكىنى، رايوندىكى بىخەتەرلىك كونترولىنىڭ مىسلىسىز كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىشى بۇ يەردە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

توققۇزاق بازىرى بىلەن مۇش يېزىسى تەۋەسىدە 60 نەچچە مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى دەلىللەندى

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، رادىيومىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى 86 مەسچىتتىن 57 سىنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇش يېزىسىدىكى 65 مەسچىتتىن 40 نەچچىسىنىڭ، توققۇزاق بازىرىدىكى 37 مەسچىتتىن 20 سىنىڭ چېقىلغانلىقى دەلىللەندى.

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىغا چېقىلىشنىڭ ھەم خەلقئارا قانۇنغا ھەم ئىنسانىي ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولغان ئېغىر جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلار «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

تارىخشۇناسلار، «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 1980-يىللاردىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ.

«12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ ئەينى چاغدىكى يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «12-دېكابىر» ۋەقەسىنىڭ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ياشلىق خاتىرىسىدىكى ئەڭ يارقىن سەھىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا رۇسىيەنىڭ چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆرنەك ئېلىشى دىققەت قوزغىدى

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك رۇسىيەنىڭ چېچىنىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيەگە سادىق پرېزىدېنتى قادىروف خىتايدىن كەلگەن ئۆمەككە چېچىنىيەنى تىنچ ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتا رۇسىيەنىڭ چېچىنىيەدە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلىقى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان قازاقىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چېگرا مىللەتلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق ئىش بىرلىكىنى تەنقىد قىلدى.

گېرمانىيەدە «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

12-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن 80 گە يېقىن سىياسىيون، پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ۋە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئاساسلىق سۆز تېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مەركەزلەشتى. ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى.