2016.12.09

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي ئۆكتىچى رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

خىتابنامە 10‏-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. خىتابنامىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى دۇنيا جامائىتىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادى، دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇش يولى يوق. بىز سىلەرنىڭ پۈتۈن دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى پىدا قىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خىتاي ۋە خوڭكوڭ خەلقىنى قوللاپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.»

خىتابنامىگە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت خەلقئارا ھەمكارلىق تورىنىڭ رەھبىرى دورجى ستەن، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئىنخېباتۇ تۇغۇچۇق قاتارلىق كىشىلەر ئىمزا قويغان.

خىتابنامىدە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ تىنچ ئۆكتىچىلەرگە قارشى قوپاللىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان» دا روزا تۇتۇش چەكلىنىپ، دىنىي ئەركىنلىك دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى، مىڭلىغان تىبەت راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ شەرقىي تىبەتتىكى لارۇڭ گاردىن مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت 1948-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 10-دېكابىرنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەپ كەلمەكتە.