
مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە كەڭ تونۇلغان شائىرە ۋە ژۇرنالىست خەيرىنىسا تۇردى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، خ. تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، بەلكى ژۇرنالىست، جەمئىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى سۈپىتىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبتۇر.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئانىلار كېڭىشىنىڭ پەخرىي رەئىسى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋانىڭ پىكرىچە، خ. تۇردى قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ چوڭ ھۆرمەت قازانغان يازغۇچى ۋە جەمئىيەت ئەربابىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خەيرىنىسا تۇردىنى يوقىتىش قىرغىزىستانلا ئەمەس، قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش. خ. تۇردى قىرغىزىستان ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىدى. مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانكۆيەرى بولغان خەيرىنىسا قىرغىزىستاندىكى خەلقلەر دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشتە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تىكلەشتە زور ئىشلارنى قىلدى. ئۇ قازاقىستاندىكى خانىم-قىزلار بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى. 2004-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاياللار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئون ئىككى ئايالنى ئېلىپ كەلگەن. خەيرىنىسا جەمئىيەت ئىشىدىلا ئىشلىگەن جەمئىيەت ئەربابى ئەمەس. ئۇ شۇنداقلا خەلقنىڭ مۇڭ-زارىنى، خۇشاللىقلىرىنى ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق خەلققە يەتكۈزگەن شائىرە».
پېشقەدەم شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف خ. تۇردىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئوتلۇق شېئىرلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگىمۇ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان زىيالىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «2011-يىلنىڭ 4-ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي كېڭىشى سەھنىسىدە ماڭىمۇ تارىخىي نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتى نېسىپ بولغان ئىدى. شائىرنىڭ سۆزى شېئىر بولىدىغۇ، مەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا مۇراجىئەت قىلىپ يېزىلغان شېئىرىي مەكتۇپۇمنى ئوقۇپ بولۇپ، سول تەرەپتە تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۆيگەن چاغدا مېنى قۇچاقلاپ تەبرىكلىگەن تەۋەررۈك رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېنىدا سىڭلىم خەيرىنىسا قوي كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۆكۈپ تۇرغان ئىدى. شائىرە ئەمەسمۇ، ھاياجاندىن تىلى كەلىمىگە كەلمەيتتى. مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن ئىدى. نۆۋىتى كەلگەندە خەيرىنىسامۇ ۋەتەن ھەققىدە، مەنىۋى ئانىمىز رابىيە قادىرغا توغراقتەك ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ، چوڭقۇر پىكىر، ھېسسىياتقا تويۇنغان يالقۇنلۇق شېئىرىنى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنى باسالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى».
ئا. قۇتلۇقوف ئارىدىن بەش يىل ئۆتسىمۇ بۇ خاسىيەتلىك كۈننى ھېچ ئۇنتۇمىغانلىقىنى، خ. تۇردىنىڭ مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر بولۇپ تەربىيىلىنىشىدە ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىل داموللىنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئەسلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خەيرىنىسانى ئاتلانتىك مۇھىتنى ئاتلاپ ئۆتىدىغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندۇرغان مۇشتۇمدەك يۈرىكىدە ساقلانغان ئاتا مىراس ئىزگۈ مۇددىئا ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىل داموللا بولۇپ، ئۇيغۇرىستاندىكى ئەڭ مۆتىۋەر ئۆلىما، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات ئىدى. قۇرئان كەرىمىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى مەسچىت جامائىتىگە ھەر جۈمە كۈنى ئۇيغۇرچە يېشىپ بېرەتتى. ئىسمائىل داموللامنىڭ قېنى خەيرىنىسانىڭ تومۇرىدا بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆمۈر يولدىشى ئوسمانجانمۇ كۆكسى كەڭ، كۆزى ئوچۇق، تۇغما ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي بولغاچقا، خەيرىنىساغا خەيرلىك تىلەپ، ۋاشىنگتونغا يولغا سالغان ئىدى. ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، پەرىشتەدەك پاك ئايال خەيرىنىسانى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش ماڭا نېسىپ بولمىدى».
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ قارىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە ئالماتا شەھىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي مەركىزىگە ئايلىنىپ، كۆپلىگەن تەشكىلاتلار، بىلىم، ئىلىم ۋە سەنئەت ئوچاقلىرى ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا جايلاشقان ئىدى. ئۇ قىرغىزىستاندىمۇ ئەنە شۇنداق گۈللىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆمىكىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن راۋاجلىنىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستاندا يازغۇچىلىرىمىز جامالىدىن قاسىموفنىڭ رەھبەرلىكىدە قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدا ئۆمەك قۇردى. كېيىن ئۇ بۆلۈم بولۇپ شەكىللەندى. مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى بولغاچقا قازاقىستاندىكى يازغۇچىلىرىمىزدا رومانتىكىلىق كەيپىيات ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئۇ ياقتىكى يازغۇچىلىرىمىزمۇ قوزغىلىپ قالدى. جامالىدىن قاسىموف، قاسىم ئەيسايېف، خەيرىنىسا تۇردى ۋە باشقىلار بىرىكىپ، ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرى قىرغىز تىلىدا توپلاملاردا نەشر قىلىنىشقا باشلىدى».
ئا. ھەمرايېف خ. تۇردى ئەسەرلىرى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان پەيتتە، شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ قىرغىزىستان رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە بىرلەشمىسىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىپ، شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن تونۇشقانلىقىنى، خ. تۇردىنىڭ باشقىمۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، « خ. تۇردى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرىي توپلاملىرىنى رەسمىي تۈردە قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە نەشر قىلغان».
ئا. ھەمرايېف خ. تۇردىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە تۇغۇلۇپ، شۇ مۇقەددەس يەرنىڭ پۇرىقىدا ئۆسۈپ تەربىيىلەنگەن، كېيىنرەك قىرغىزىستان يېرىدە يۇلتۇز كەبى پارقىراپ چىققان مەشھۇر نامايەندە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.