
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 7-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىدىن مەلۇمات بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948 -يىلىدىن بۇيان ھەر يىلىنىڭ 10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنى» بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ كۈندە دۇنيا مىقياسىدا ئالاقىدار تەشۋىقات خىزمەتلىرى ھەمدە زۆرۈر پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىلمۇ شۇ تۈردىكى خىزمەتلەر قاتارىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى ئىزچىل يامانلىشىپ مېڭىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى باش تېما قىلىنغان «خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئۆكتىچىلىرىنىڭ كۈلپەتلىرى: ئۆتمۈشكە ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا رەئىسلىك قىلغان پارلامېنت ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى بويىچە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان شەخسلەرنىڭ ھەرقاچان خىتايدا زوراۋانلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتچىلەر دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەمدە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ «ئىنسان ھەقلىرى دىپلوماتىيىسى» بولۇشى لازىملىقىنى روشەن ھالدا كۆرسەتمەكتە ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل 6-ئۆكتەبىر ئۆزلىرى ئېلان قىلغان 2016-يىللىق دوكلاتتىكى ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى بارغانسېرى يامانلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلمۇ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى زۇلمەت ۋە مۈشكۈلاتقا تولغان بىر يىلنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ئەھۋاللارنى مۇشۇ يەردە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن قىممەتلىك مېھمانلار ھەممىدىن ياخشى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ئۇلار خىتايدا ياشاۋاتقان ھەمدە ئازاب ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان شۇ خىلدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن جازالانغان ھەمدە شۇ سەۋەبتىن خىتايدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ‹قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش› دېگەن ئەندىزىسى ئاستىدا خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى پىكىر ئەركىنلىكى، پۇقراۋى جەمئىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا تۈپ ھەق-ھوقۇقلارنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. مەسىلە شۇ يەردىكى، ھازىر ئامېرىكا دىپلوماتىيىسى خىتاينىڭ رېئاللىقى بىلەن ئۇيغۇن بولمىغان (توغرىراقى ھېچقاچان ئۇيغۇن بولۇپ باقمىغان) سىياسەتلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ‹خىتايدىكى ئېشىپ مېڭىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سىياسىي ئىسلاھات ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئاپىرىدۇ› دېگەن چۈشەنچىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، بىز خىتاينى خەلقئارا سىستېما بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە زېھىن قويۇپ يۈرگىنىمىزدە، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدىغانلىقىدەك ئاشكارا ھەقىقەتكە سەل قاراپ كەلدۇق.»
بۇ قېتىمقى يىغىنغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقىدىن مەلۇماتلار بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرگەنلىرى ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى نىشان قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىمۇ ئاياق ئاستى قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمانى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئوقۇپ ئۆتكەن يازما باياناتتا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ: «مەن خىتاي تۈرمىسىدىن چىققان 2005-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىزچىل ھالدا ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ئەركىنلىك خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە مەۋجۇت بولماقتا. پۇقرالارنىڭ تەشكىللىنىش ۋە سۆز ئەركىنلىكلىرى قاتتىق تەقىب قىلىنماقتا. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى، دەپ پەردازلاۋاتىدۇ. ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا بولۇۋاتقان يەرلىك نىزاملار بۇنىڭ تېررورلۇقنى ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىدە ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك دىنىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا، خىتايدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئامېرىكىنىڭ ھۆرلۈك ۋە ھەق-ھوقۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك قىممەت قارىشىنىڭ مەزكۇر رايونلارغا تارقىلىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.»
يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىق خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۇسۇلى كەڭ ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئالىي دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشكىللىگەن يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشىنىڭ زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئۇنىڭدىن، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن ئامېرىكا پارلامېنتى، شۇنداقلا يېڭىدىن تەشكىللىنىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قانداق تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار نامىدىن ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە، تىبەت رايونى ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە دالاي لامانىڭ ۋەكىلى پېنپا سېرىڭ شۇنداقلا خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭ جيەنلى، ۋېي جىڭشېڭ، چېن گۇاڭچېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.