erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم رافتو فوندى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان چوڭ يىغىندا سۆز قىلدى

نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 21-نويابىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنغا قاتناشقان.

رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشقان.

رابىيە خانىم يىغىندا رافتو مۇكاپاتى ئالغان كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى

ئىگىلىنىشىچە، 23-نويابىر كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە كۇرسى» غا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ تارىخى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ ب د ت دىكى باش كاتىپ شىتېفان ئەپەندى بىلەن سۆزلەشكەن. ئاندىن تايلاندنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، باڭكوكتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى سۈرۈشتۈرگەن.

24-نويابىر كۈنى ب د ت دا 9-نۆۋەتلىك «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنى باشلانغان. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا 25-نويابىر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى بويىچە سوئال قويغان

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى گۈرسەل تېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى بويىچە سوئال قويغان.

گۈرسەل تېكىن 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە: «ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇشتىكى سەۋەب زادى نېمە؟ خىتايلار تۈركىيەدىن ئۇنى تەلەپ قىلدىمۇ؟ تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش-كىرمەسلىكى بىلەن ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىدە بىر باغلىنىش بارمۇ-يوق؟» دېگەندەك 7 سوئال قويغان.

ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە ئىككى يىل بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولدى

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلى 30-ئىيۇل كۈنى قەشقەردە پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو 17-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى جۇ خەيلۇننى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلىسىدىن ھال سورىغان ۋە جۈمە تاھىرنى «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى» دەپ ماختىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ جۈمە تاھىرنى ھېيتگاھ جامەسىگە ئىماملىققا تەيىنلىشى ئۇلارنىڭ «شەيتان ئويۇنىنىڭ بىر قىسمى» دېدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھىندىستاننىڭ 3 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئابدۇخالىق، ئابدۇسالام ۋە ئادىل قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياش 2013‏-يىلى لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە قېچىپ چىقىپ، ھىندىستان دائىرىلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، جامۇ-كەشمىر سوتى يېقىندا قارار چىقىرىپ، بۇ ئۈچەيلەننىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغان. ھىندىستان تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رابىيخان مۇسا ئانا بورتالا ئوبلاست باشلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئاخباراتقا گەپ قىلىشنى 3 ئاي توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۆتكەن ھەپتە بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 10 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئەمەلدارلار گۇرۇپپىسى رادىيومىزدا شىكايەتلىرىنى بايان قىلىۋاتقان رابىيخان مۇسا ئانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئەمەلدارلار سۆھبەت داۋامىدا رابىيخان ئانىغا پاسپورت بەرمەسلىكنىڭ بىر سىياسىي قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئەمدى چەتئەل ئاخباراتلىرىغا شىكايەت قىلماسلىقى ھەققىدە تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

رابىيخان ئانا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 3 ئايغىچە ئاخباراتقا گەپ قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنى كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.