14-نويابىر كۈنى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن كىچىك بىرىنچى رايونىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 83 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-رايونلاردىن، توقماق ۋە قارابالتا شەھەرلىرىدىن كەلگەن جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبىلىيەسى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن خالايىققا ئىللىق سالاملارنى يوللاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن تەبرىك سۆزلىرىنى ئېيتتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە دەسلەپتە پارتىزانلىق كۈرەشلىرى بىلەن مىللىي ئەسكەرلەرنىڭ سانى 15 مىڭ كىشى بولۇپ، كېيىن 30 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىللىي ئەسكەرلەرنىڭ كۈرەش قىلىشى بىلەن ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى ئازاد بولغان، ئاندىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇرستاننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جەڭلەر بولغان، شۇ جەڭلەردە ئون مىڭلىغان جەڭچى-ئوفىتسېرلار قۇربان بولغان ئىدى. يىغىن ئالدىدا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى.
1960-يىللىرى قىرغىزىستاندا، شۇ چاغدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان جەڭچى-ئوفىتسېرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈنلەردە، قەھرىمان ئاكىلىرىمىزدىن پەقەت 13 ئادەم ھايات ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇراسۇل ئابدۇللايىف، سابىر مۇھەممەدۇف، نۇرمۇھەممەت ھاسانوف، ئابلىمىت بەكرىيىف، مەسئۇد ھاجىم مۇسايىف، غىلاجىدىن ئىمىنىف، نۇردۇن ئەھمەتوف، ئوسمان بەكرىيىف، خەمىت كەنجىبايىف، ئابدۇرېشىت مىرغازىيىف، كەرىم كەرىموف، ئابدۇرېشىت سالىموف، ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمانوف قاتارلىق جەڭچى ئاكىلىرىمىز بىشكەك شەھىرىنىڭ مەھەللىلىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا تۇرىدۇ. تىلەككە قارشى قەھرىمان ئاكىلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپى يىغىنغا قاتنىشالماي قالدى.
يىغىندا پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىداتى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەسلىھەتچىسى تۇرسۇن ئىسلام نىيازوفلار دوكلاتلىرىنى ئوقۇدى.
ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ئالدى بىلەن، 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بايرام دەپ، جامائەتنى تەبرىكلىدى. ئۆز دوكلاتىدا ئۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىشىپ يوق قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ 1944-يىلى نويابىر ئېيىدىن 1949-يىلى ئاۋغۇست ئېيىغا قەدەر ئۆمۈر سۈرگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.
قوشۇمچە دوكلات ئوقۇغان تۇرسۇن ئىسلام سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشىغان ئىنقىلابچى مەرھۇم مۇسا تۈركىستانىنىڭ «تۈركىستان پاجىئەسى» ناملىق كىتابىدىن ئىنقىلابقا مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزىلەرنى ئوقۇپ بەردى.
شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ياشىغان غەيرەت ھاجىم ئاكا جاھانۇف ئۆز ھېسسىياتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
دوكلاتلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىختىيارىي سۆزگە چىققانلاردىن كېيىن، جەڭچى ئاكىلارغا سوۋغاتلار تاپشۇرۇلۇپ ۋە ئەستەلىك ئۈچۈن سۈرەتلەر تارتىلدى.
مەزكۇر يىغىندىن پايدىلىنىپ، 7-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاندا «ئاخباراتچىلار كۈنى» بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندا «ئىتتىپاق» گېزىتىگە خالىس خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپلارغا پەخرىي يارلىقلار تاپشۇرۇلۇپ يىغىن تاماملاندى.