ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ فېيسبوكتا نەق مەيداندىن تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 16-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.
رابىيە خانىم لېكسىيەسىنىڭ بېشىدا، ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئىنقىلابچى شەخسلەرگە قانداق ھەۋەس قىلغانلىقى، مانا مۇشۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، نۆۋەتتىكى جورىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بىلەن قانداق تونۇشقانلىقى ۋە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى تىجارىي ئىش ھاياتىدىمۇ ۋەتەن، مىللەت يولىدا ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەر بىلەن قانداق ھەمكارلاشقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئۆز كەچمىشىدىن مەلۇماتلار سۇنغان.
ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى گوللاندىيەدە پائالىيەت بېرىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى مەشھۇر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى گوللاندىيەگە تەكلىپ قىلىپ، قەرەللىك ھالدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇرماقتا. بۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر لېكسىيەگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىدۇر.