
13-نويابىر ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە خانىمغا ئىستىقلال مېدالىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، رابىيە خانىم بۇ شەرەپكە بولغان ھېس-ھاياجانلىرىنى تەسىرلىك نۇتۇقلىرى بىلەن ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى قوش مۇراسىمغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇسۇل يېتەكچىسى خالىسە خانىم ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سازەندىلەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، رابىيە خانىمغا ئىستىقلال مېدالى تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن، سورۇننى نەپىس ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار ۋە ناخشا سادالىرى قاپلىدى.
ناخشا، ئۇسۇللاردىن كېيىن، چەتئەللىك مېھمانلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. «پان ياۋروپا بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، گېرمانىيەدىكى تەسىرى چوڭ سىياسىي ئەربابلاردىن بەرند پوسسېلت ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «مۆھتەرەم رابىيە قادىر، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستلار، مەن سىلەرگە ئۆزۈم ۋەزىپە ئالغان 3 تەشكىلات نامىدىن، يەنى پان ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا چېخ جۇمھۇرىيىتىگە سۈرگۈن قىلىنغان، تەقدىرى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق بولغان 3 مىليون گېرمان كۆچمەنلەر تەشكىلاتى نامىدىن ۋە گېرمانىيەدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن بىرى بولغان خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى نامىدىن سالام يوللايمەن. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ شۆھرەتلىك پرېزىدېنتىڭلار رابىيە خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!»
بېرند پوسسېلت ئەپەندى نۇتقىدا ئۆزىنىڭ 1994-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا بولغانلىقىنى، بۇ 22 يىلدىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتىدا گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدىكى باياناتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى تۇنجى ئاڭلىغان كۈندىن تارتىپ، رابىيە خانىمنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا قارار چىقىرىشقا تېرىشىپ كەلگەنلىكىنى، 10 يىللاردىن بۇيان ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە باشقا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ «رابىيە قادىر دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئىچىدە ئالدىنقى سەپتىكى بىر شەخس، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلايمەن» دېدى.
بېرند پوسسېلت ئەپەندىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نۇتقىدىن كېيىن، گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئادۋوكاتلاردىن بىرى بولغان ئالبېرىكىت گۆرۈڭ ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ۋە رابىيە خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ئالاقىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن «مېنى بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلغىنىڭلاردىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىنى سىلەر بىلەن بىرگە ئازاد ۋەتىنىڭلاردا قۇتلاش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولسام، تېخىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتىم» دېدى.
تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى كونسۇللىرىدىن گۈركان ئوۋچى ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى، يۈزى ۋە ئاۋازى بولغان رابىيە خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلىمەن» دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى سۆزگە قىستۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن يەنە مۇنداق دېدى: «بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى بىر يىغىلىشتا، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى مەندىن ‹تۈركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟› دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ‹تۈركىيەدە 78 مىليون ئۇيغۇر بار› دەپ جاۋاب بەردىم. يەنى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇردۇر» دېدى. مۇراسىم زالىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرك كونسۇلىنىڭ بۇ گەپلىرى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ئالقىشلار ياغدۇردى.
ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر سۆزگە تەكلىپ قىلىندى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرىدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلىدى. ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قوش مۇراسىم ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.