germaniye-ikki-jumhuriyet-rabiye2.jpgگېرمانىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 13-نويابىر، ميۇنخېن.

 RFA/Ekrem

germaniye-ikki-jumhuriyet-rabiye4.jpg

گېرمانىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 13-نويابىر، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

13-نويابىر ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتى 8 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

13-نويابىر ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلاش پائالىيىتىگە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، تۈركىيە، شىۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 8 دۆلەتتىن كەلگەن 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە گېرمانىيەدىكى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى، بىر قىسىم چەت دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. مۇراسىم چۈشتىن كېيىن سائەت 16:30 ئۆتكەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى. ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇنلاندى. ھەر ئىككى مارش ئورۇنلانغاندا كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇشۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.

بۇ قوش مۇراسىمغا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. د ئۇ ق سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ساھىبخانىلىق قىلدى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سىرتتىن كەلگەن چەتئەللىك مېھمانلار تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. مۇراسىمغا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى باۋارىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى ماركوس. رېندېرشىپاخېر ئەپەندى، باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارېتا باۋزى خانىم، پان ياۋروپا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەرند پوسسېلت ئەپەندى، كوسۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كونسۇلى ناسېر ئىدرىز ئەپەندى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى، تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى باۋارىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى ۋولىفگاڭ گرادېر ئەپەندى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى باۋارىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى كاي مۈللېر ئەپەندى، تونۇلغان ئادۋوكات ئالبىرېكت گۆرىڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىنىڭ ۋەكىلى لۇسىيا پاررۇچى خانىم قاتارلىقلار شەرەپ مېھمانلىرى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ قوش مۇراسىمنىڭ مۇقەددىمىسى بولسا رابىيە خانىمنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدىكى ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.

رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى باۋارىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى ماركوس ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ۋە رابىيە خانىمنىڭ 70 يىللىق تۇغۇم كۈنىنى مۇبارەكلىدى. ئۇ سۆزىدە، رابىيە خانىمنىڭ سىياسىي مۇجادىلىسىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بولۇشتەك شەرەپتىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ نۇتقىمۇ زال ئىچىدە قىزغىن ئالقىشقا مۇيەسسەر بولدى.

ماركوس رېندېرشىپاخېر ئەپەندى، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مېنى بۇ سورۇنغا تەكلىپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇندىن 8 يىل ئىلگىرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغىنىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىمىزدا ناھايىتى قويۇق بىر دوستلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى شەرەپ بىلىمەن. بۈگۈن بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىمدىنمۇ پەخىرلىنىمەن. شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ 70 يىللىق تۇغۇم كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە تېنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر، سىياسىي مۇجادىلىسىگە يۈكسەك نەتىجىلەر تىلەيمەن. رابىيە خانىم » ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ دۇنياغا ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ رابىيە خانىمغا يەنە بىر ئايرىم رەھمىتىم شۇكى، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش تەكلىپىمىزنى دەرھال قوبۇل قىلدى، بۇ يىغىنغا پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆپلىگەن مۇخبىرلار قاتنىشىدۇ، بۇمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رابىيە خانىمغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.»

ماركوس ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئالدىنقى يىللىرى خىتاي كونسۇللىرى باۋارىيە پارلامېنتىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بىر يىغىلىشىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئالتە توك-توك ئۇيغۇرغا تۇرامسەن ياكى بىر مىليارد خىتايغا تۇرامسەن؟» دېگەن شەرتنى قويغاندا، ئۆزىنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەي «مەن ئادالەت ۋە ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىمەن. ئەگەر تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۇيغۇر دوستلىرىمنى تاللايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي كونسۇلىنىڭ سورۇندىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەنلىكى، شۇندىن بۇيان خىتايلارنى بۇنداق يىغىلىشلارغا تەكلىپ قىلمىغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى شۇندىن بۇيان خىتاي كونسۇللىرىنى بۇنداق يىغىلىشلارغا تەكلىپ قىلىپ باقمىدى ۋە مەڭگۈ تەكلىپ قىلمايدۇ. بىز بۇ سورۇندا ئۇيغۇر دوستلىرىمىز بىلەن بىرگە بولىمىز» دېدى.

ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدىكى تەبرىك نۇتۇقلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز ئېلىپ، رابىيە خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى گېرمانچە سۆزلىدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇتقىدا رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسى يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، رابىيە خانىمغا ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش ھەمدە تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەش مەقسىتىدە ئالتۇندىن ئالاھىدە ياسىتىلغان «ئىستىقلال مېدالى» نى تەقدىم قىلدى. مېدال رابىيە خانىمنىڭ بوينىغا ئېسىلغاندا مۇراسىم زالىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى. ئۇيغۇر، تۈرك ۋە گېرمان مۇخبىرلىرى بۇ مەنزىرىنى بەس-بەستە سۈرەتلەرگە تارتىشتى. رابىيە خانىم ئىستىقلال مېدالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىپتىخار ۋە ھاياجان بىلەن ئۆز ھېسلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.