qazaqistan-jumhuriyet-kuni.jpgئالماتادىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 13-نويابىر.

13-نويابىردا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان كافېخانىلارنىڭ بىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيەلەردىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ قازاقىستان بويىچە ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف 1944-يىلى بارلىققا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، يىمىرىلىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى رولى ھەققىدە دوكلات قىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوژامبەردى 20-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭدىن ئېلىنغان ساۋاقلار، رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ھەم ئۇنىڭغا بېرىلگەن 2016 – يىللىق مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى، قازاقىستان مەملىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيى توغرىلىق ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر پائالىيەتتە شۇنداقلا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت قۇربانوف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل كاتىپىنىڭ ئوغلى ئازتېكىن ئىبراھىموف، ئالماتا شەھىرى سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى غەيرەت مەمىتەلىيېف ۋە باشقىلار ئازادلىق، ئەركىنلىك قەدرىيەتلىرى، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. بۇ پائالىيەتكە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ‹ئىتتىپاق› گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىم ۋە ژۇرنالىست ئەكبەرجان باۋدۇنوف ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى نامىدىن بىر قاتار مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە گېزىت ئاكتىپلىرىغا تەشەككۈرنامىلەر ۋە سوغىلار تاپشۇردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، بۇ كۈننى ئاتاپ ئۆتۈشنىڭ بولۇپمۇ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن بۇيان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنى توختىماستىن ئېزىۋاتقانلىقىنى، ھاقارەتلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە ئۇرۇق-تۇغقان بولىسىلەر دەپ، خىتاينى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ھېچ قاچان خىتاي بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان بولالمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز، تىلىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىز ئوخشىمايدۇ. ئۇلار مىڭ يىللاپ ياشاۋاتقان مەھەللىلەرنى، شەھەرلەرنى بۇزۇپ، ئەللىك قەۋەتلىك ئۆيلەرنى سېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆيلەردە ئىككى يا ئۈچ ئائىلە ئۇيغۇرلار بولىدۇ، قالغانلىرى خىتايلار».

ق. تۇرغانوف بۇ پائالىيەتتە بولۇپمۇ ئۆكتىچى ئىلھام توختى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ بولغانلىقىنى، رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم باشقىمۇ ياۋروپادىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئى. توختىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئازاد قىلىش يولىدا تىنماي مېڭىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىمۇ خەلقلەرگە ئۇنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئى. توختىنىڭ ھېچ قانداق بىر گۇناھى يوق بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىپ، ئادالەتسىزلىككە يول قويغان.

ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئابدۇجېلىل ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈپ، ئۇنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ياشلار ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن. ئا. ھەمرايېف مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت قۇربانوفنىڭ بولۇپمۇ رابىيە قادىر، قەھرىمان غوژامبەردى ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبەرلىرى ھەققىدە ئېيتقان ئىللىق سۆزلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، جەڭچىلەرنىڭ قان كېچىپ كۈرەشكەنلىكى ھەققىدە شۇ كۈرەشنىڭ تىرىك شاھىتى نۇرمۇھەممەت ئاكىدىن ئاڭلىدۇق. مىللىي-ئازادلىق كۈرەش رەھبەرلىرى ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، غېنى باتۇر ئوخشاش قەھرىمان شەخسلەرنى ھەر قاچان ھۆرمەتلەپ، تىلغا ئېلىشىمىز كېرەك. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن غۇلىتىلغان شەرقىي تۈركىستان تا مۇشۇ كەمگىچە ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالالماي كېلىۋاتىدۇ. خىتاي يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تالان-تاراجغا سالماقتا، مىللىي كەمسىتىشلەر ئورۇن ئالماقتا. ئەمدى خىتاينىڭ ئۆز كونستىتۇتسىيىسىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر ئېيتقان ئىلھام توختى تۈرمىگە سولاندى».

ئا. ھەمرايېف ئى. توختىنىڭ خەلقئارا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىغا بولغان چوڭ ھۆرمەتنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھەم ئۇنىڭ ئوخشاش ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تۈرمىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تىنماي ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.