rabiye-qadir-germaniye-turk-ayallar-qurultiyi-2016.jpgرابىيە قادىر خانىم گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك ئاياللىرى قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە

ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان مىللىي چۈشەنچە تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ كۆھن شەھرىدە ئاياللار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئالاھىدە مەھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مالۇمات بەرگەن. يىغىنغا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك ئايال ۋەكىللەردىن 6500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىننىڭ ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى شۇنداقلا رابىيە خانىمنىڭ 70 ياشقا كىرگەن كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولغان. بىز يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن رابىيە خانىم ۋە يىغىندا خانىمغا تەرجىمانلىق قىلغان تۈركىيەلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق.