چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە 1933-ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى گېرمانىيە، نورۋېگىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى،تۈركىيە ھەم شىمالى ئامېرىكىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.13-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتنىشىپ، تەبرىك سۆزى سۆزلىگەن.
بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 13-نويابىر كۈنىمۇ ۋىرگىنىيا شتاتىنىڭ فەيىرفاكىس شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا جەم بولۇپ، بۇ تارىخى كۈننى خاتىرىلىگەن. بۇ مۇراسىمدا جۇمھۇرىيەت تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەش، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ۋە باشقا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان.