
گېرمانىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ھەمدە «ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
د ئۇ ق تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ 8-نويابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان چاقىرىقىغا ئاساسلانغاندا، 12-نويابىر كۈنى سائەت 17:00 دە د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى باش شتابىدا «ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى لېكسىيىگە تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان. لېكسىيىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 30 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتنىشىدىكەن. لېكسىيىدىن كېيىن، مىيۇنخېندىكى چوڭلار مەشرىپى جامائىتى مېھمانلار شەرىپىگە زىياپەت بېرىدىكەن.
11-ئاينىڭ 13-كۈنى بولسا، د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتىدىكەن. پائالىيەتكە 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 30 ئەتراپىدىكى مېھمان ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىدىكەن.
بىز 12 ۋە 13-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، مەزكۇر پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بولغان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىك مېھمانلارغا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئۆز نامىدا ئەۋەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشى قاتنىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئالدى بىلەن 12-نويابىرغا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى» تېمىسىدىكى لېكسىيە ھەققىدە توختالدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بولسا، «ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى» تېمىسىدىكى لېكسىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 13-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمى ھەققىدىمۇ قىسقىچە ئىزاھات بەردى ئۈمىد ئاگاھى بولسا، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.