
رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئاتلانتا شەھىرىدە ئۇچراشقان
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، يەنى 27-ئۆكتەبىر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۆبە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
بۇ يىغىندا رابىيە خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى 8 شۆبە ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنى قوللىغۇچى بىر قىسىم كاپىتالىستلار بىلەن ئۇچراشقان.
رابىيە خانىم مەزكۇر يىغىندا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ھەمدە يىغىن قاتانشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ۋە يېڭى دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.
ئىلھام توختى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىنىڭ «ئەركىن سۆزلەش» مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام توختىنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى تەسىس قىلغان «ئەركىن سۆزلەش» مۇكاپاتىنىڭ 2017-يىللىق نامزاتلىقىغا تەۋسىيە قىلغان.
«ئەركىن سۆزلەش» مۇكاپاتى ياۋروپادا 30 نەچچە خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىدىكى كەمچىلىكلەرنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارغا بېرىلىدىكەن.
بۇ مۇكاپات 2015-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەركىن تور يازارى رائىف بەدەۋى ئەپەندىگە، 2016-يىلى تۈركىيە ھۈرىيەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سېدات ئەرگىنگە بېرىلگەن ئىكەن.
يەكەن ناھىيەسىدە ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىگە «دۆلەت مارشىنى ئوقۇتۇش» تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىگە دۆلەت مارشىنى ئوقۇتۇش» تەشۋىقاتى ھەققىدىكى بىر قىسقا فىلىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ھەر ساھە ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىنى «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» ئويناشقا مەجبۇرلىغان بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ «دۆلەت مارشىنى ئوقۇش» قا سېلىپ، ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
رادىيومىز مەزكۇر فىلىم ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ۋىۋىسكىسى ئاستىدا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئارزۇ نۇرمەمەت 12 ياش ۋاقتىدا مائارىپ ئىدارىسىگە ئوغرىلىقچە كىرىپ مىللىي تەڭسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۈرلۈك شەكىللەردە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
82 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ خىتاينىڭ پاسپورت چەكلىمىسىنى دۇنياغا پاش قىلغانلىقى، 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە بازار باشقۇرغۇچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى بۇنىڭ يارقىن مىساللىرى ئىكەن.
ئارزۇ نۇرمەمەت ئۆز ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتايدىكى بالېت ئۇسسۇلچىلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئىستانبۇلدىكى تازىلىق خىزمىتىنى تاللىغان ئۇيغۇر قىزى. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئاستىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ، ناھىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تەڭسىز مۇئامىلە ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەشۋىقات بېزەكلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارا قىلماقتا
خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ «كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ، پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ مېغىزىنى چاققانلىقى» ھەققىدە بەس-بەستە تەشۋىقات خەۋىرى بېرىشكە باشلىغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغان ئىنكاسلار خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارا قىلماقتا. رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرگەن بىر كىشى «ھازىر ھۆكۈمەت تۇر دېگەن يەردە تۇرسا، قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلمىسا، ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ؛ ئازراق سۆزلەپ قالغان كىشى تۇتۇلۇپ كېتىدۇ، بۈگۈنى بار ئادەم ئەتىسى يوق» دېگەن بايانلار ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەسۋىرلىدى.
شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپى مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۆسەننىڭ يىغمىلىرىنى رەتلەپ سىفىرلىق ئارخىپ ئامبىرىغا ئايلاندۇرغان
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتى، ياڭراق ناخشىلىرى ۋە ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى تىنىمسىز پائالىيەتلىرى بىلەن شىۋېتسىيەدە تونۇلغان ئىدى.
ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى، يەنى 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى شىۋېتسىيەدە 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەرھۇمنىڭ شەخسىي يىغمىلىرىنى شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا 10 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپى ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى، سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس يىغما ماتېرىياللارنى شىفىرلاشقان ئارخىپ توپلىمى سۈپىتىدە زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان.