2016.10.19

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

مەسچىتلەرنىڭ نۆۋەتتە بىر ئىبادەت ئورنى ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان رابىيە خانىم، ئۇيغۇر رايونىدا 11‏-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيىتى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمە ھەققىدە نۇقتىلىق مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر كومىتېتتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە ۋە ئاكتىپ ھەرىكەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىش ۋە تەۋسىيەلەردە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.