qurbanjan-arif-rabiyxan-musa-ana-1.jpg5 يىلدىن بېرى دىدارىنى كۆرمىگەن كەنجى ئوغلى قۇربانجاننى كۆرۈشكە تەشنا بولغان رابىيخان ئانا.

پاسپورت مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىدىن رادىيومىزدا شىكايەتلىرىنى بايان قىلىۋاتقان بورتالالىق 82 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانا ئالدىنقى كۈنى ئالاقىدار ساقچى خادىمى بىلەن سۆھبىتى داۋامىدا پاسپورتى بېرىلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يېڭى بىر ئىزاھاتقا ئېرىشكەن. ساقچى خادىمى بۇ قېتىمقى ئىزاھاتىدا ساقچىلارنىڭ رابىيخان ئانىغا پاسپورتى بېرىلسە، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز ساقچى خادىمىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ بىر دىققەتسىزلىك ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن دېيىلگەن ياكى دېيىلمىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى، خىتاينىڭ سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندىنىڭ تەخمىنلىرىنى سورىدۇق. ئۇ، رابىيخان ئانىغا دېيىلگەنلەرنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسمىي ۋە جىددىي سۆزلەر بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.