erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق «مارتىن ئەننالس مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى

بۇ يىللىق «مارتىن ئەننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھام مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا دادىسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، «ئۇ ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ» دېگەن.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 11-سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت نىڭ خىزمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق «مارتىن ئەننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىلھام توختى دېلوسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلدى. پائالىيەتچىلەر، «مارتىن ئەننالس مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

رابىيە خانىم تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننى ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىستانبۇلدىكى مالتەپە قاماقخانىسىدا نەزەربەند قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىكى باكىركۆي سوتى ئابدۇقادىر ياپچاننى 40 كۈنلۈك مۆھلەتتە ئىككىنچى قېتىم نەزەربەندتە تۇتۇپ تۇرۇش قارارىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىز ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ياپچان مەسىلىسىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ھەمدە مەزلۇملارنىڭ دۇئاسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر تارىخى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 10-ئاينىڭ 8- ۋە 9-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باش شتابى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر تارىخى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 25 نەپەر تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قەدىمكى، يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى زامان تارىخى بويىچە تەييارلانغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي تەربىيەگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مائارىپ ساھەسىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىغا ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە ھەرقانداق شەكىلدە دىنىي تەربىيە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمە ئۇيغۇر دىيارىدا 1-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدا مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاتا-ئانىلارغا قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك ھادىسە» دەپ كۆرسەتكەن.

توققۇز نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇتبولچىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەكتەپكە كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يازدا 9 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خېڭشۈي شەھىرىدىكى «كۈچ-قۇدرەت» پۇتبول كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن.

ھالبۇكى، ئۇلار مەزكۇر كۇلۇبقا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغىنىدا شۇ يەردىكى خىتاي خەۋپسىزلىك تارماقلىرى «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر جايدا نورمال دەرس باشلىشىغا توسالغۇلۇق قىلغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر بۇ بالىلاردىن 4 نەپىرى يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەن، 5 نەپىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دائىرىلەردىن داۋاملىق ئادالەت تەلەپ قىلماقتىكەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش مەسلىھەتچىسى ئارىف ئەردوغاننىڭ سۆزى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئارىف ئەردوغاننىڭ خىتاي خەلقئارا رادىيوسىدا بەرگەن باياناتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن بىلىم ئادەملىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئارىف ئەردوغان ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «3-نۆۋەتلىك يىپەك يولىدا شىنجاڭ» ناملىق يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۇ 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاي خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئىلگىرى غەرب تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن شىنجاڭ ھەققىدىكى بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ئىكەنمەن. ھازىر نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن خىتايغا بولغان كۆز قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى» دېگەن.

ئارىف ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن بىلىم ئادەملىرى ئارىف ئەردوغانغا خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.