ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن، مۇددەتسىز قاماقتىكى ئىلھام توختىغا مۇكاپات بەرگەن مارتىن ئەننالس فوندىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئەينەن كۆرەلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇغان رابىيە قادىر خانىم، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى دىكتاتورىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۆرۈش قىلىۋاتقان بارلىق مىللەتلەرگە مەدەت ۋە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ خىتايدەك دۇنيانىڭ ئەڭ دىكتاتور بىر دۆلىتىنىڭ پايتەختىدە، بېشىدا تاپانچا تەڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ئىرادىسىنى شارائىت مۇمكىنچىلىكى دائىرىسىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن جاسارىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يىللاردا مىسالى ئاز ئۇچرايدىغان بىر جاسارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، قاماقتىكى ئىلھام توختىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا، بۇ مۇكاپات سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنىڭ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ياڭرىشىغا ۋەسىلە بولغانلىقىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.