2016.10.11

11-ئۆكتەبىر ئىلھام توختى ئەپەندىگە «2016-يىللىق مارتېن ئەننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىغا مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوك تورىدا ئۆز نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جەسۇر ئوغلانى ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارالىق مارتېن ئەننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن!» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا «ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات!» دەپ تەرىپلىدى. قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەرمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى باياناتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، باياناتنىڭ ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.