rabiye-kataloniyue-ispaniye-rehberler.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىنى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە كاتالونىيە ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن. 2016-يىلى 28-سېنتەبىر، ئىسپانىيە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 27-سېنتەبىر كۈنى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىگە ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلاشتى. رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيەدىن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچۇش ئالدىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كاتالونىيە زىيارىتىنىڭ كېيىنكى 3 كۈنلۈك پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت يەنە بۇ قېتىمقى ئىسپانىيە زىيارىتىگە باھا بېرىپ، گەرچە بۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم، ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقانلىقى، 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە كاتالونىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقى، كاتالونىيە ئۆلكىسى مىللىي رادىئوسىنىڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ سۆھبەتلەردە، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەتراپلىق ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بارسېلوناغا يېقىن بىر شەھەردە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى، بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا ئامما، مۇخبىر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغانلىقى، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 10-ئاينىڭ 3-كۈنى كاتالونىيە پارلامېنت رەئىسىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» پائالىيىتى ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدىكى 14 شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە لاتىن ئامېرىكىسى، ئىراق، سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىنسان ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. كۆپ شەھەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغان.