Murasimdin-korunush-2016-Yil-2-Oktebir-Almata.jpgقازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئالماتادا ئۆتكۈزگەن ماتەم كۈنى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 2-ئۆكتەبىر.

2-ئۆكتەبىردە ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ماتەم كۈنىنى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە نىشانلاپ كېلىۋاتقان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ھەم دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى بۇ كۈننى ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانلىقى مەلۇم.

مەزكۇر پائالىيەتتە چوڭ دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلاھاتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كەلگەن جاپالىرى، بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەم رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئالىمجان خەيرۇللايېف خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق رەھبەرلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇڭلاشقا ئۇلار ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىشنى ناھايىتى ئوڭايلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەر تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن خەلقىمىزنى ئالداپ كەلدى. ئۇلار ۋەتىنىمىزگە ئورۇنلىشىپ، ھەر يىلى نەچچە مىليونلىغان خىتايلارنى ئىچكىرىدىن كۆچۈرۈپ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.»

ئا. خەيرۇللايېف ئەپەندى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، ئەشەددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە تۇغۇتنى چەكلەش، بىلىم ئىسلاھاتى بىلەن خەلقىمىزنى ئىدىيىۋى جەھەتتىن ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالغا سېلىپ قويدى.»

مەزكۇر پائالىيەتتە ق. غوجامبەردى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە رۇس تىلىدا تەييارلانغان «ئاخباراتنامە» ۋاراقچىلىرى تارقىتىلدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، مۇنداق ۋاراقچىلار 2009-يىلدىن بۇيان تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى چوڭ ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان. بۇ قېتىمقى ئاخباراتنامىدە كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي لىدېرى رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى ھەم ئۇنىڭ سىياسىي ئەرباب ئىلھام توختىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى يورۇتۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە تارىخىنى، ھەم تىلىنى يوقىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز چەت دۆلەتلەردە بالىلىرىمىزغا ئانا ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇلارنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇغان بالا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى، ئەدەبىياتىنى سۆيىدىغان، بىلىدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى، نەۋرىلىرىمىزنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيىلىشىمىز كېرەك. ئانا ۋەتەن دېگەن بىر مىللەتنىڭ ياشايدىغان تېررىتورىيىسى. قېرىنداشلىرىمىز مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، بەختلىك ياشاۋاتىدۇ. بىزمۇ ئانا ۋەتىنىمىز ئازاد بولسا ئىكەن دەپ، بۇنى ياشلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئانا ۋەتەننى باشقا كۈن چۈشكەندە ئادەم بالىسى چۈشىنىدۇ».

ماتەم كۈنىگە بېغىشلانغان بۇ پائالىيەتتە شۇنداقلا ق. غوجامبەردىنىڭ مىڭ نۇسخا بىلەن يورۇق كۆرگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزگەن قۇرۇلتىيى» ناملىق كىتابچىسى تارقىتىلدى.

بۇ پائالىيەتتە مۇھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك يولىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، دۇئا ئوقۇدى.