
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھەر باشلىقى مەرسې سونېسا ئى پاگەس (Merce Conesa I Pages) خانىم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. چۈشتىن كېيىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان لاتىن ئامېرىكىسى، ئىراق، سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىنسان ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بارسېلونا يېقىنىدىكى سانتاتالامو شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر ئىدارە ھەيئىتى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىغا ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان، كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قاناتنىڭ ئېيتىشىچە «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» ماۋزۇلۇق پائالىيەتنى ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدىكى 14 شەھەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ 4-قېتىملىق يىغىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كاتالونىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
رابىيە قادىر خانىم بىزگە پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئۆزى ئىسپانىيەدە قاتنىشىۋاتقان بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى، رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر رايون ئىكەنلىكىنى، شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى ھەققانىي بىر دەۋا دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» پائالىيىتى ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدىكى 14 شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 14 شەھەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاناتنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇپ بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.