abdughopur-qutluqof-exmetjan-hashiri.jpgئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى(سولدا) مەشھۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى بىلەن ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي كېچىلىكتە سەھنىدە. 2016-يىلى 26-سېنتەبىر، ئالماتا.

26-سېنتەبىردە ئالماتادىكى ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي كەچ ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا ئىتتىپاق يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى رىياسەتچىلىك قىلدى. دەسلەپتە سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ كاتىپى مارالتاي ئىبرايېف ئا. قۇتلۇقوفنى پۈتكۈل قازاقىستانلىق يازغۇچىلار نامىدىن تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا سوۋغىلار تاپشۇردى. ئەدىبنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە شائىر مۇھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف دوكلات قىلدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى، شائىرنىڭ يۇرتداشلىرى، كەسىپداشلىرى تەۋەللۇت ئىگىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، سەمىمىي تىلەك-نىيەتلەر بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ئا. قۇتلۇقوفنىڭ پەقەت زامانىۋى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق شائىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، ھەقىقىي مەنادا ئەدەبىياتىمىزنى سۆيىدىغانلار ئا. قۇتلۇقوفنىڭ ئىجادىيىتىنى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەتەن ماۋزۇسى، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز يورۇتۇلغان. ئاخىرقى قېتىمدا ئۇنىڭ ئوباماغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ دوپپىسى ئارقىلىق مىللىتىمىزنى تونۇشتۇرغاننىڭ ئۆزى ئۇنىڭ شائىر سۈپىتىدە، ئىنسان سۈپىتىدە كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى».

مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ تەبرىكنامىسىنى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، ئالماتا تۆمۈر ئىنشائاتلىرى زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان شەردىنوفنىڭ تەبرىك خېتىنى ئۇنىڭ ئورۇنباسارى مۇرات خىزمەتوف، قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋەلىخان قالىجاننىڭ تەبرىكنامىسىنى شۇ ئىنستىتۇتنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئوقۇدى.

ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تونۇلغان شائىر جەمشىت روزاخۇنوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەسىپدېشىنىڭ تەۋەللۇتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئابدۇغوپۇر ئاكا ئۇيغۇر پوئېزىيىسىدە ئەڭ ئارقىدا كېلىۋاتقان، بەدىئىيلىكى جەھەتتىن تېخى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلمىگەن تىڭ ساھەگە قەلەم تەۋرەتكەن شائىر. يەنى، داستان، باللادا ئوخشاش ئەسەرلىرى بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىگە يول تاپقان ھەم ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرگەن شائىر. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ پوئېزىيىسىدە مىللىيلىك بېسىم. ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئويناقلىقى ۋە راۋانلىقى».

ج. روزاخۇنوف ئا. قۇتلۇقوف ئىجادىيىتىدە بولۇپمۇ باللادا ژانىرىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تارىخىي ۋەقەلەرگە ئاساسلىنىپ، مىللىي قەھرىمانلارغا، يەنى مىللەت غۇرۇرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان شەخسلەرگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن باللادىلارنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى:
«ئابدۇغوپۇر ئاكىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا بەرگەن تۆھپىسىمۇ بار. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىلىرىنىڭ يەنە بىرى شائىرنىڭ غۇرۇرىنى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى دەللىڭ سۆزلەر بىلەن ئېچىپ بېرەلەيدىغان شائىردۇر. ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كىرگۈزگەن يېڭىلىقلىرىنىڭ بىرى بۇ ئونلۇقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئابدۇغوپۇر ئاكىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تۇتقان ئورنىنى ناھايىتى چوڭ دەپ بىلىمەن».

مۇراسىمدا سۆزلىگۈچىلەر ئا. قۇتلۇقوفنىڭ شۇنداقلا تالانتلىق ژۇرنالىست ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ، 1970-يىلدىن تارتىپ تاكى ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققۇچە «كوممۇنىزم تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىسى «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە ئىشلىگەن. ھازىر ئۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك «ئىنتىزار» ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

ئا. قۇتلۇقوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنىڭ ئۆز ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن 15 كە يېقىن شېئىر توپلاملىرىنى يورۇققا چىقاردىم. مېنى مۇشۇنداق يېتىلدۈرگەن ‹ئۇيغۇر ئاۋاز› دىن، مېنى ئالقىشلىغان خەلقىمدىن مىننەتدارمەن. ئىجادىمنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى ۋەتەن تېمىسى. ۋەتەندىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، شائىر بولغان ئادەم شېئىر يازىدىكەن. مېنىڭ 60 يىللىق ئۆمرۈم ئاساسەن ۋەتەن تېمىسى ھەققىدە بولدى».

ئا. قۇتلۇقوفنىڭ تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان مەزكۇر ئەدەبىي كەچ ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ تەييارلىغان كونسېرتى بىلەن داۋام قىلدى.