
ئۇيغۇر ۋە تېبەتلەرنىڭ نەچچە ۋاقتىن بېرى پىلان قىلغان بىرلەشمە نامايىشى، 2016 – يىلى 16 – سېنتەبىر جەنۋە شەھرىدە غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلدى.
16 – سېنتەبىر جۈمە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 11:00 دە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچى ياۋروپالىق پائالىيەتچىلەر، سىياسەتچىلەر ۋە قانداش تۈركلەر شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە جەم بولۇپ، بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشچىلار تۈرلۈك پىلاكات – لوزىنكىلار ۋە بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدىكى مەيدانغىچە كوچا ئايلىنىپ ماڭدى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ياڭراتتى.
د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن بۇ نامايىشقا ياۋروپادا ياشاۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ۋە تېبەت ئاكتىپلىرى، ياۋروپالىق ھەرخىل ئىرققا تەۋە قوللىغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بارگاھ قۇردى ۋە سەپ تۈزۈپ، جاراڭلىق شۇئارلىرى ۋە تەسىرلىك خىتابلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىپلىدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى قوللايدىغان بەزى ئەزالىرى ۋە ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا پۇقرالارغا قوراللىق زوراۋانلىق قىلىشنىڭ سىمۋولى بولغان سۇنۇق ئورۇندۇق يېنىدا قۇرۇلغان مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى سىياسىي، دىنىي باستۇرۇشلىرىنى پاش قىلدى.
ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدەك بىر دېكتاتۇر ھۆكۈمەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت دىن، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەلۇم بولىشىچە، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 33 – نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە تېبەتتىن ئىبارەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان دەۋاگەرلەرنىڭ، ئۆز قوللىغۇچىلىرى بىلەن بۇ يەردە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر پائالىيەت دەپ قارالماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن 11:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 گە قەدەر داۋام قىلغان بۇ نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلار ئايرىم توپلۇشۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خوشلىشىش نۇتقىنى ئاڭلىدى ۋە بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.
بۇ قېتىملىق نامايىشقا گوللاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار نامايىشقا قاتناشتى. 15 – سېنتەبىر كەچ سائەت 20:00 بىلەن بۇ پائالىيەتكە ئاتلانغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 17 – سېنتەبىر سەھەر گوللاندىيەگە قايتىپ كەلدى.