جۈمە كۈنى، ئالاھازەل بىرەر مىڭدەك ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ياۋروپالىق پائالىيەتچى ۋە سىياسەتچىلەر شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
مەزكۇر پائالىيەتنى د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى بىرگە تەشكىللىگەن بولۇپ، جەنۋە ۋاقتى سائەت 11:00 دە باشلانغان نامايىش 2 سائەت داۋام قىلغان. جەنۋە شەھىرىدىكى پالاس ۋىلسون دېگەن جايدىن يولغا چىققان نامايىشچىلار 2 كىلومېتىردەك مۇساپىنى بېسىپ، ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغان.
بۇ يەردە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى قوللايدىغان بەزى ئەزالىرى، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى سىياسىي، دىنىي باستۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان. ب د ت دىن، نوپۇزىنى قوللىنىپ، خىتايغا باستۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى خىتاينىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئوخشاش خەلقئارا سەھنىلەردە سۆز قىلىشىنى چەكلەش ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكەن.
د ئۇ ق بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى جەنۋەگە كېلىپ بۈگۈنكى نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى نامايىشقا گوللاندىيە، گېرمانىيە نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 4 ئاپتوبۇستا ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشقان.