gollandiye-jenwe-bdt-namayish.jpgجەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەركىزى بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار. 2016-يىلى 15-سېنتەبىر.

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىش تەييارلىقى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. گوللاندىيەدىن مەزكۇر نامايىش پائالىيىتىگە بارىدىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن يەنى 15-سېنتەبىر پەيشەنبە كەچ سائەت 8 دە، گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىدىن، شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

شۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەركىزى بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان نامايىش پائالىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا يەنە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەرەپ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم نامايىش تەشكىللىنىپ، كەڭ كۆلەم ۋە زور مىقداردا ئادەم سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى ۋە بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن مۇھىم دەپ قارالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە؛ نامايىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر ۋىدىئولۇق چاقىرىق قىلغاندىن باشقا، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا تېلېفون ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە بۈگۈنكى ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەرەپتىن نامايىش قىلىدىغان ئادەم سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پۇرسەتتە يۈكسەك بىر پەللە يارىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىلگىرى فىرانسىيەدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىشقىمۇ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر ئاپتوبۇس بىلەن بېرىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، تەخمىنەن ئون نەچچە سائەت يول يۈرۈلىدىكەن. پائالىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە چاقىرىقلار بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا گوللاندىيەدىن سەپەرۋەر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئالدىن تىزىملىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ھازىر بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلگىيەدىن ئىككى ئاپتوبۇس نامايىشچى يولغا چىقىشقا ھازىر بولغان.

باشقا دۆلەتلەردىكى نامايىشچىلارنىڭمۇ تەييار بولغانلىقى بىلىنمەكتە. ئەپسۇس، ھازىرچە تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن ئۇچۇر ئالالمىدۇق. ئەمما، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن شارائىتى بارلار بىر ئاپتوبۇس بىلەن جەنۋەگە بېرىپ كېلىشكە راۋۇرۇس ھازىرلاندى.