
سالاھىيىتى نامەلۇم ئىككى ئاپتورنىڭ رابىيە خانىمنى قارىلاپ يازغان كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاۋسترالىيەدە يوشۇرۇن تارقىتىلغان
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيەدىكى مەسچىت ۋە رېستورانلاردا رابىيە قادىر خانىمنى قارىلاپ يېزىلغان بىر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوشۇرۇنچە تارقىتىلغان.
«رابىيە قادىرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى» دەپ ناملانغان مەزكۇر كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسى سالاھىيىتى نامەلۇم ئىككى چەتئەللىك ئاپتورنىڭ ئىسمىدا يېزىلغان بولۇپ، كىتابنى نەشر قىلغان شىركەتنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر نەشرىيات ئورنى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى مەسچىتلەرگە كىتابنى يوشۇرۇنچە تارقاتقان خىتاي قىياپەتلىك بىر كىشىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى كامېراغا چۈشۈپ قالغان.
خوتەندىكى مەلۇم بانكىدا يۈز بەرگەن ئۆچىرەت ماجىراسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى ئاشكارا قىلماقتا
يېقىندا خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر سودا-سانائەت بانكىسىدا يۈز بەرگەن بىر ماجىرا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەپەر خىتاي ئايال شەخسىي ئىشى بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى بىر سودا-سانائەت بانكىسىغا كىرگەن.
بانكا ئامانلىق خادىمى بانكىدا ئۆچىرەت ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر خېرىدارلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن خىتاي ئايالنى ئۆچىرەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ قويغان. نەتىجىدە بۇ خىل ئادالەتسىز مۇئامىلىگە چىدىمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىت بانكا ئامانلىق خادىمى بىلەن زاكۇنلاشقان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئۆز تۇپرىقىدا ‹ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا› بولۇپ قالدى» دەپ كۆرسەتتى.
بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ ئىككى چېدىر تىكىلگەن
رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقا قەدەر بۇداپېشتتا 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا ئاتالغان مەخسۇس ئىككى چېدىر تىكىلگەن.
ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ تىكىلگەن بۇ ئىككى چېدىرنىڭ بىرىنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تىككەن بولسا، يەنە بىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان سىلوۋاكىيەلىك ھون ياش ئاتىللا تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاتىللا بۇ چېدىرنى 500 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، سىلوۋاكىيەدىن ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قولى بىلەن تىككەن. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان بۇ ئىككى چېدىر يىغىن قاتناشچىلىرىنى ھاياجانغا سالغان.
خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈرۈمچىدە سىياسىي تەلىم-تەربىيە كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە مەخسۇس سىياسىي تەلىم-تەربىيە كۇرسى ئېچىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەنگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىل 3000 غا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەخسۇس كۇرستا 1207 نەپەر ئوقۇتقۇچى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىدىيىۋى جەھەتتىن كونترول قىلىشقا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يەكەندە تۈمەن كىشىنىڭ «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» پائالىيىتىگە تەشكىللىنىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
18-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان يەكەن دىيارىدا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياش خىتاي پاسونىدا كىيىندۈرۈلۈپ «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىش ۋە تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن شەكىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرى، بولۇپمۇ قەدىمىي شەھەر يەكەندە بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، «بۇ، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدىكى بىر ئىپادىسى» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خاڭجۇدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىنى تاقاپ، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى چەكلىگەن
ئىگىلىنىشىچە، خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار يەنە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ نىشانلىق كونترول قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
خاڭجۇدىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى خاڭجۇ شەھىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر رېستوران ۋە ئاشپۇزۇللىرىنى تاقىغان. ئۇلار يەنە خاڭجۇدىكى مېھمانخانىلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ 7-سېنتەبىرگە قەدەر ھەرقانداق ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى بۇيرۇغان.
خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خاڭجۇدىكى مېھمانخانىلار ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.