
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا ۋە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋسترالىيەدىكى بىر مەسچىت ۋە رېستوران ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىمنى قارىلاپ يېزىلغان بىر يەشىك كىتاب بايقالغان. «رابىيە قادىرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى» ناملىق بۇ ئۇيغۇرچە كىتاب، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلار كىتابنىڭ ئاپتور ۋە نەشر ئورگىنىنى سۈرۈشتە قىلغان. دەسلەپكى ئۇچۇرلاردىن كىتابنىڭ نامەلۇم ئىككى چەتئەللىك تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى، كىتابنى نەشر قىلغان Time Marszelek Group دېگەن گۇرۇپپىنىڭ خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر نەشرىيات ئورنى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بايقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بىر يىل ئاۋۋال توردا بازارغا سېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۇنجى بولۇپ، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئاۋسترالىيەدىكى بىر مەسچىت ۋە بىر رېستوراننىڭ ئالدىدا بايقالغان. كىتاب نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن مەزكۇر ئورۇنلارغا قويۇپ قويۇلغان. مەسچىت جامائىتى كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالدىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خەۋەرلەندۈرگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە قىسمەن بۆلۈملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ رابىيە خانىمنى قارىلاش مەقسىتىدە يەنى سىياسىي غەرەز بىلەن يېزىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ۋە كىتابنى يىغىپ ئەكېتىپ ئەھۋالنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيساغا مەلۇم قىلغان.
قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى، كىتابنىڭ ئاپتورى ۋە نەشر ئورگىنىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئەينى كىتابتىن يەنە بىر يەشىك ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرك مەسچىتىنىڭ ئالدىدا بايقالغان. بۇ قېتىم مەسچىت ئالدىغا كىتابنى ئەكەلگۈچىلەر، مەسچىت كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان. مەسچىت ھەيئەتلىرى كامېرا خاتىرىسىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە تاپشۇرغان. پائالىيەتچىلەر كۆرۈنۈشكە ئاساسەن، كىتابنى تارقاتقۇچىلارنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.
ئەھۋال ھەققىدە يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ ئىسمى پاۋل لاۋرۇنۇس ۋە ئالېكساندىر دارلىن بولۇپ، بۇنداق ئىككى ئاپتورنىڭ كىملىكى تور ئارخىپلىرىدا بايقالمىغان. دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، كىتابنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ۋە بېسىلغانلىقى ياكى زاكاز قىلىنغانلىقى شۈبھىسىز.
دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىدە قۇرۇلتاينىڭ، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىي غەرەزلىك قىلمىشىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى ۋە كىتابنىڭ جەمئىيەتكە بەرگۈسى تەسىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «شەرقى تۈركىستان داۋاسى، ھەقىقەت داۋاسى، ھەرقانداق ئويدۇرما پاكىت ۋە داغدۇغىلىق ھۇجۇم بۇ داۋا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرەلمەيدۇ» دېدى.
دولقۇن ئەيسا كىتابنىڭ خىتاينىڭ ئۆز مەنتىقىسى، يەنى مۇستەملىكىچى مەيدانى ۋە دىكتاتور زېھنىيىتى بىلەن يېزىلغانلىقىنى، كىتابتا ئىلمىيلىق ۋە ئوبيېكتىپلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا كىتابنىڭ كۆپ سانلىق خەلقئارا جامائەتنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دولقۇن ئەيسا يەنە شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئەنئەنىسىدىن خەۋەرسىز كىشىلەرنىڭ قايمۇقۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ قارىلاش ھەرىكىتىگە قارىتا قۇرۇلتاينىڭمۇ تېگىشلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما تەپسىلاتى ئۈستىدە توختالمىدى.
يۇقىرىدا خىتاينىڭ رابىيە خانىمنى يەنە قارىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە كىتاب نەشر قىلغانلىقى ۋە ئۇنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا تارقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.