erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئالتىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى جەۋلان قىلدى

12-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتايغا 29 دۆلەتتىن كەلگەن تۈرك-تۇران نەسىللىك خەلقلەردىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

نەق مەيداندىن ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن. بايراق قۇرۇلتاي سەھنىسىنىڭ 1-رېتىگە تىزىلغان ھەمدە ئاتلىق پاراتتا بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا كىرگەن. ئاتلىق چەۋەنداز ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ مەيدانغا ئات سېلىپ كىرگەندە، نەق مەيداندىكى مىڭلىغان تاماشابىنلار گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ، كەيپىياتنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇق» قا قارشى ئۇرۇش مانېۋىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 14‏-ئاۋغۇستتىن 16‏-ئاۋغۇستقا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەتتە ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بۇ قېتىملىق مانېۋىردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق 21 خىل ھەربىي قورالىنى سىناق قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ قېتىملىق ئۇرۇش مانېۋىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيەت ئەندىشىسىنى ۋە بۇ ئەندىشىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشتە ھەققانىي تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى».

ئۇيغۇر ئېلىدا 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 2591 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى 4-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 2591 نەپەر كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۈننەن ئۆلكىسىدىن قالسىلا خىتايدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان رايون ھېسابلىنىدىكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 283 نەپەر بولۇپ، يېقىنقى 6 ئايدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا نۆۋەتتە 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

سەھىيە خادىملىرى بىلەن تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى شىمالدىن جەنۇبقا، تارقىلىش يوللىرى ئىلگىرىكى زەھەر چېكىشتىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشقا يۈزلەنمەكتىكەن.

ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرى بىر «غازاتچى» ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 17-ئاۋغۇست كۈنى ئىبراھىم ئىسىملىك بىر «غازاتچى» ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئىلگىرى «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇھاجىدلىرى» ناملىق غازاتچى تەشكىلاتنىڭ تەركىبىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلاردىن 5 كىشىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، جاكارتا تەرەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، نېمە ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش غازاتچى تەشكىلات تەركىبىدىكى ئاخىرقى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا جاڭ چۈنشيەننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئۆلكىلەردىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» 2000‏-يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان 16 يىل داۋامىدا سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

گەرچە دائىرىلەر يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا يەنە 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ كېڭىيىشى دائىرىلەرگە يېڭى خىرىس ۋە ئەندىشىلەرنى ھېس قىلدۇرماقتىكەن.

ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى ھىجابلىق ئايال ماھىرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھىجابلىنىشنى چەكلەش سىياسىتىگە خىرىس ئېلان قىلماقتا

بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2016-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ھىجابلىق ئايال ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىكى ئەركىنلىكى ۋە ئالاھىدە نەتىجىلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھىجابلىنىشنى چەكلەش سىياسىتىگە جەڭ ئېلان قىلماقتا.

بۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىلىچۋازلىق تۈرى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئايال ماھىر ئىبتىھاج مۇھەممەد بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يۈگۈرۈش ماھىرى كەرىمان ئابدۇلجەدايەلنىڭ ھىجاب بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى دۇنياۋى تاراتقۇلاردا قىزىق تېما بولدى.

ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئايشەمگۈل خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان ھىجابلىنىشنى چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.