خىتاي-ئاسىيا بىخەتەرلىك قوراللىرى كۆرگەزمىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىكى بۈگۈن يەنى 17-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆرگەزمىگە بىرقانچە دۆلەتتىن باشقا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 24 ئۆلكە، شەھەردىن 300 نەچچە كارخانا قاتناشقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، كۆرگەزمىدە بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت 4 تۈر بويىچە قورال ۋە ئەسلىھەلەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بازارغا سېلىش مۇھىم تۈرگە كىرگۈزۈلگەن.
خىتاي-ئاسىيا بىخەتەرلىك كۆرگەزمىسىنىڭ 1- ۋە 2-قېتىملىقىمۇ 2014- ۋە 2015-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 3-قېتىملىقىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئاتالمىش بىخەتەرلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوننىڭ مەۋجۇت تىنچسىز ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي تەرەپنى ئۇيغۇر خەلقىگە تەھدىت خاراكتېرلىك مەشغۇلاتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.