
3 – ئاۋغۇستتا قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىدى. بۇ كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، 2004 – ۋە 2006 – يىللار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قاتناشقۇچىسى تامارا مەمەتوۋا 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4 – ئاۋغۇست كۈنى ئاماتا شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، كۆپ ساندا زىيالىيلار، قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى، ياشلار، شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن جامائەتچىلىك قاتناشتى.
ت. مەمەتوۋا بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو – مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى قوشنا مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېغىر مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا چوڭ تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار ت. مەمەتوۋا ھەم ئۇ تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» نىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئورگىنى «ئاخبارات» ژۇرنالنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە، مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمەن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئۆز باھالىرىنى بەردى.
«جىبېك ب» ناملىق ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ رەئىسى ۋاققاس مەمەدىنوف: «تامارانىڭ بىز ئۈچۈن ئىشىكى دائىم ئوچۇق بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى، نىيىتىنى پەقەت ياخشى ئىشقا بېغىشلىغان ئىنسان ئىدى. ئۇ قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ چىرىغىنى ياشلار ئۆچۈرمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.
جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف: «ھەقىقەتەنمۇ تامارا ھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ساقلاشقا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ھەسسىسىنى قوشقان ئايال. ئۇنى مەن ئەڭ مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ بىلىمەن. ئۇ ساغلام پىكىر قىلىدىغان، توغرا پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان شەخس ئىدى» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي كېڭىشى ئەزاسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى: «تامارا خانىم دۆلەت خىزمەتلىرىدە ئىشلىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئوخشاش ئۇلۇغ ئىشقا بېغىشلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر ۋە پېشقەدەم سىياسەتچىمىز ئەركىن ئالىپتېكىن پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. بىز تامارا خانىم ئوخشاش مىللەتپەرۋەر شەخسلىرىمىزنى دائىم ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.
ئالىم رابىك ئىسمايىلوف: «بىز مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئاجايىپ قىزىمىزنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتتۇق. ئىنسان بالىسى مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كېلىدۇ. بىزنىڭ تامارا ئەنە شۇ مىللەتنى دەپ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلدى. بىز مۇشۇنداق ئادەملەرنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئاماتا شەھەرلىك مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف: «بىز ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىنى ياخشى كۆرىدىغان، مىللىتىنى سۆيىدىغان ھەدىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئۇ دائىم خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىگە كۆيۈنۈپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشقان شەخسلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ يەنە ياشىغان بولسا، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلغان بولاتتى» دېدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو – مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف:«تامارا قاسىم قىزى بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ باي مەسلىھەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۇرۇس يولغا باشلايدىغان ھەدىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى مىللىتى ئۈچۈن، قازاقىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، قازاقىستان خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن سەرپ قىلدى» دېدى.
«ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ باشقارما ئەزاسى تۇرغانجان سوپىيېف: «تامارا جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە دۇنيادا بولۇۋاتقان ۋەقەلەردىن ياخشى خەۋەردار، بىلىملىك ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوستلىرى بار. ئۇلار ھەممىسى بىرلىشىپ تاماراغا يادىكارلىقلار ئورنىتىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرمەيدۇ، دەپ ئىشىنىمەن» دېدى.
ئاماتا شەھىرى تۈركسىب ناھىيىلىك خانىم – قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر ئىسرايىلوۋا: «خەلقىمىز بىر ئۇلۇغ پەرزەنتىدىن ئايرىلدى. مەن تامارا قاسىم قىزىدەك ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى قىلىدىغان ئادەم يوق، دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇنى ‹ئاخبارات› ژۇرنىلى چىققاندىن بېرى ياخشى بىلىمەن. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ كىچىك پېئىللىقى، چوڭقۇر ئويلايدىغانلىقى بىلەن پەرقلىنەتتى» دېدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ت. مەمەتوۋانىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى رولىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «تامارا خانىم قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرىدىن باشقا، بىۋاسىتە ۋەتەن دەۋاسىغا خىزمەت قىلغان شەخس. ئەڭ مۇھىمى 1997 – يىل 5 – فېۋرال غۇلجا قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، كۆپلىگەن قاچاقلار قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىياغا قاچقاندا تامارا خانىم ئەدلىيە خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە شۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە كېتىشكە كۆپ كۈچ چىقارغان.»
مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەزىيە خېتى ئوقۇلدى، شۇنداقلا قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىنمۇ تەزىيەلەرنىڭ كەلگەنلىكى ئېيتىلدى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ت. مەمەتوۋانىڭ كەسىپداشلىرى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە باشقىلارمۇ ئۆز ئەسلىمىلىرىنى، نىيەت – تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، مەرھۇمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى، ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تىلشۇناس دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا ت. مەمەتوۋانىڭ بولۇپمۇ ياشلارغا كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «تامارا خانىمنىڭ ياشلارغا، ۋەتەندىن چىققان پۇقرالارغا قىلغان ياردىمى چەكسىز. بىزنىڭ ئىجادىيەتتە، ئىلىم – پەندە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا تامار خانىم پۈتۈن دىلى بىلەن ئارىلىشىپ، يوليورۇقلار كۆرسىتىپ بېرەتتى. مەسىلەن، ‹ئۇيغۇرىيە› كىتابىمنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشكە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى. تامارا خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇ كىتاب تۆت تىلغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن، چۈنكى ھەممىسىگە چىن دىلىدىن ياردەم قىلدى. بۈگۈن ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇنىڭ روھىغا تەزىم قىلدى.»
تامارا قاسىم قىزى مەمەتوۋا 1947 – يىلى ئاماتا ۋىلايىتىنىڭ كېگەن ناھىيىسىگە قاراشلىق جالاڭاش يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ناھىيىلىك ياشلار كومىتېتىدا ئىشلىدى. 1973 – يىلدىن 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر مىللىي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا ھەر خىل لاۋازىملاردا ئىشلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2002 – يىلى قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە، مائارىپىغا زور ھەسسە قوشقان. بىرلەشمىنىڭ ئورگىنى بولغان «ئاخبارات» ژۇرنىلى بولسا، ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
ت. مەمەتوۋا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى يېنىدىكى ئىنسان ھەقلىرى بويىچە كومىسسىيە، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى ھەم شۇنداقلا ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ بىر نەچچە مەجلىسلىرىگە ئىشتىراك قىلدى. ئۇ شۇنداقلا يەرلىك ئاھالە ۋە قاچاقلار ھوقۇقلىرىنى قوغداش بويىچىمۇ پائالىيەت ئېلىپ باردى.