2016.07.26

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 26-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئۆز نامىدا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى 2014-يىل 28-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن يەكەن ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا، «2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەقەسى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە شېھىتلار ئائىلىسىدىن ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ئائىلىسىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر باياناتىدا يەنە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان 2009-يىلدىكى «5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، 2014-يىلدىكى «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» قاتارلىق ۋەقەلەرنى نەقىل ئېلىپ، بۇ ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رامىزان چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغىنىدا، پۇقرالار بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر پۇقرالىرى قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئىدى.