
11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە پارىژدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى جەريانىدىكى دوكلات بېرىش، بايانات، سۆھبەتلەردە شۇنداقلا يىغىن نەق مەيدانىدا رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەكىل ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل مەسىلىلەر قاتارىدا «بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق» كۆپ تىلغا ئېلىنغان ۋە تەكىتلەنگەن نۇقتا بولدى.
بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگانلىرىدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېڭى رەھبەرلەر سايلاپ چىقىلدى. رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىككە قايتا سايلاندى. قۇرۇلتاينىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئېلىنغان قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدەملىرىمۇ شۇ خىل بىرلىك-ئىتتىپاقلىق چاقىرىقى ئىچىدە بېسىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 11-ئىيۇل كۈنى پارىژ شەھىرىدە باشلانغان 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى، پائالىيەتچىلەرنى بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىق قىلىشى بىلەن باشلاندى.
ۋە د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئەڭ زور نەتىجە ۋە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە ئەڭ مۇھىم قىبىلنامە دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇغېنى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، سىياسىي قېرىنداشلىقى بىلەن بىرگە، دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا دەپ قارايدىغانلىقىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، گۇرۇپپىلار ئارا مۇزاكىرىلەردىمۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى، ئۆتمۈش تارىخى ھەم مەدەنىيىتى، مائارىپى قاتارلىق مەسىلىلىرىدە ئورتاق تونۇش ۋە پائالىيەتلەردە ئوخشاش قەدەم ئېلىشنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى خەلقئارادا يەنىمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتە ئەڭ زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر -تەكلىپلەر بەرگەنلىكىنى، بۇ پىكىرلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلچانلىقىنى كۈچەيتىشتە ئەڭ زۆرۈر ۋە مۇھىم تەكلىپلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ 130 ئەتراپىدا ۋەكىلى ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان مەزكۇر يىغىن جەريانىدا ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتىلدى. قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولمىسىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەردىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي مەۋلان ياسىن ئەپەندىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەتراپىغا چىڭ ئۇيۇشۇپ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان ياش ئاكتىپلاردىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەلىشىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ياش پائالىيەتچىلەر قوشۇنىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ يىغىندىكى نۇتۇقلىرىدا، ھەتتا ئايرىم زىيارەتلىرىمىزدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىكەنلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى.