duq-5-nowetlik-qurultay-axirlashti-muxbir.jpgد ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 12-ئىيۇل، پارىژ.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدە تۈركىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى ئۆزىنى «يۇرتتا تىنچلىق كومىتېتى» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇھنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەمۇرىي سىستېما، ھەر قايسى مىنىستىرلىق ۋە مەھكىمىلىرىدە تازىلاش باشلاندى. پۈتۈن دۇنيا تۈركىيەنىڭ «خائىنلارنى جازالاش» ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆتكەن ھەپتە پارىژدا ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قايتا رەئىسلىككە قايتا سايلانغان رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن مەخسۇس رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەمدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تىنچلىق ئۈچۈن سوغۇق قان بولۇشقا، جىنايەتچىلەرنى جازالاشتا خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تۈركىيەنىڭ قىممەت قارشىغا ھۆرمەت قىلغاندىن سىرت يەنە، خەلقئارانىڭ تېگىشلىك قانۇنلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق مىزانلىرىغا ماس ھالدا تەدبىر كۆرۈشكە چاقىردى.

تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي سۇيىقەستنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ تۈركىيە خەلقى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى، ئىككىنچى ۋەتىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچ چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ.