2016.07.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 11-ئىيۇل كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا رەسمىي باشلانغان.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن بىلدۈرۈشىچە، 11-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلانغان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە باشقا بىر قىسىم ۋەكىللەر سۆز قىلغان.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان رەسمىي ۋەكىللەر، كۆزەتكۈچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە ئالاھىدە مېھمانلار بولۇپ 150 كە يېقىن كىشى قاتناشقان. ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە ياۋروپادىكى تۈرك فېدىراتسىيونى، مىللىي گۆرۈش قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە ھەرقايسى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلىدىكەن. پارىژدا داۋام قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 13-ئىيۇلغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن.