Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 – ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.

مەلۇمكى، 2009 – يىلى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر ۋەقە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەربىي يىلى خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە. جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى ھەرخىل شەكىلدە ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى ۋە شۇندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كۆپ نەتىجە قازىنالمىغان.

دائىرىلەر ئەينى يىلى بۇ ۋەقەدە 198 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ۋەقەگە قاتناشقان مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى يىللاردا بۇ پاجىئەگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۆزقارىشى ئۆزگەردىمۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۈگۈنكى ۋەزىيەت قانداق؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە ئالمۇتا شەھىرى تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

سوئال: قەھرىمان ئاكا، مۇشۇ 2009 – يىل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنى قانداق خاراكتېرلەشكەن بولىدۇ؟

خاراكتېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۇ مىللىتىمىزنىڭ مىللىي – ئازادلىقىنى نىشان قىلغان تىنچلىق دېموكراتىك ھەرىكەت. مىللىتىمىز ئۆزىنىڭ سىياسىي ئاڭ – سېزىمىنى، ئەركىنلىك ئىرادىسىنى، جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

سوئال: بۈگۈنكى كۈن نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېلىپ قارىغاندا، بۇ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتى نېمىدىن ئىبارەت، دەپ ئويلايسىز؟

جاۋاب: بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشتۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، مىللىتىمىز بۇ ۋەقەدە ئۆزىنىڭ سىياسىي روھىي كۈچىنى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۈچىنچىدىن، مۇشۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چېكىدىن ئاشقان تەقىبلەش سىياسىتىنى، مۇستەملىكە سىياسىتىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشقا ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەت.

سوئال: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى يەتتە يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە پاش قىلىندى؟

جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىق مۇشۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى چېكىدىن ئېشىپ، قانۇنسىز دەپسەندە قىلىش كۈچەيدى. مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر باشلىق قۇرۇلتاي ئىيۇل ۋەقەسىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە پۈتكۈل دۇنيادا بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتتى. مىڭ ئەپسۇسكى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان چوڭ تەسىرى يوق، چۈنكى خەلقئارادىكى ۋەزىيەت كۈندە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا باشلىق ياۋروپا دۇنياسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق بېسىم ئىشلىتىشى تېخى دېگەندەك ئەمەس. ئامما بۇ چوقۇم بولىدۇ.

سوئال: ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان بىر ۋاقتىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قانداق قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلار، دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم ئورگانلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ ھەم چۈشىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھېسابلىمايدۇ.

سوئال: ئومۇمەن دۇنيا ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستاندا ئورۇن ئېلىۋاتقان ۋەقەلەرنى خىتاي قانداق قوبۇل قىلىۋاتىدۇ ھەم پايدىلىنىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: خىتاي ھەقىقەتەن ئوتتۇرا شەرقتە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلار، باشقا دۆلەتلەردە بولۇۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ، دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېررورغا باغلاشقا ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ دېگىنىگە ئىشەنگەندەك قىلىپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە قارشى ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇ شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىك ئەمەسلىكىنى، خەلقئارا پرىنسىپ نورمىلىرىغا ئۆزلىرى رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سوئال: بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار شۇ يىلى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى قانداق چۈشىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايسىز؟

جاۋاب: ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق. بۇرۇنقىدەكلا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى. ئامما قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بەك يېقىنلاشقانلىقتىن بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈشكە بۇ يەردە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەنى ئېسىدىن چىقىرىپ تۇرمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن يېڭى ئۆسۈۋاتقان ئەۋلادقا مۇنداق قانلىق پاجىئەلەرنى يەتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك. بۇ يەردە بىز يېتەرلىك ئىشلىيەلمەيۋاتىمىز.

سوئال: ئەمدى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىچۇ؟

جاۋاب: قىرغىزىستاندا قازاقىستانغا ئوخشاش ھەر خىل تەدبىرلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە خەلقىمىز ئۇ يەردىمۇ ئاڭلىق، خىتايغا بولغان نەپرىتى كۈچلۈك. ئەمدى ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلار ھەتتا يىغىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئاغزىغا ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق. تۈركمەنىستان باشتىنلا ئۆزىنى ئۆزى باشقىلاردىن چەكلەۋاتقانلىقتىن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن بۇ ۋەقەنىڭ نەق ماھىيىتىنى بىلمەيدۇ.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ھېچ قاچان ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، ھەر يىلى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىپ، قۇرئان ئوقۇپ، شېھىت بولغانلارنى ئەسلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قارا تىزىمغا چۈشكەنلەرنى تۈرمىگە قاماش ئۈچۈن تازىلاش ھەرىكىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئىچكىرىدىن ئىنستىتۇت پۈتتۈرگەن خىتايلارنى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلىرىمىز ئىشسىز قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىش توختىمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئانا ۋەتىنىمىزدە كۆپەيمەيۋاتىمىز، يىلدىن – يىلغا ئازىيىپ كېتىۋاتىمىز. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىزنى شۇنداق ئازايتىپ، يوقىتىدىغان تەرەپكە ئۆتتى.»